
تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن خۇاڭ خەنچۈەن مۇنداق دېدى:ھازىرقى مۆلچەرنىڭ مۇقىم، ئىشەنچنىڭ كۈچەيگەن كۆزنەك مەزگىلنى چىڭ تۇتۇپ، سالمىقى بار، ئادەتتىن تاشقىرى سىياسەت بىرىكمىسىنى يولغا قويۇپ، تېخىمۇ ئاكتىپ مالىيە ۋە پۇل سىياسىتى ئاساسىي رىتىمىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مالىيە-باج تۈزۈلمىسى، كىرىم تەقسىماتى، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى تىرىشىپ كۈچەيتىپ، جەمئىيەت ۋە بازارغا مۇقىم ئېشىشنىڭ كۈچلۈك سىگنالىنى تارقىتىش كېرەك.
ماكرولۇق ئىقتىساد جەھەتتە:
تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى:كارخانىچىلار سۆھبەت يىغىنى ئاچتى
ئۆي مۈلۈك جەھەتتە:
جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاڭجوۋ شەھىرى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى:تۇرالغۇغا چېتىلىدىغان ئۈچ پارچە يەر ئۆتۈنۈپ بېرىلىدۇ، دەسلەپكى ئۆتۈنۈپ بېرىش ئومۇمىي باھاسى 3 مىليارد 22 مىليون يۈەن بولىدۇ.
نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى يىنچۇەن شەھىرى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى:كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى تەمىناتىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، بۇ يىل 5000 يۈرۈش كاپالەتلىك تۇرالغۇ ئۆي سېتىۋېلىشنى ھەمدە 2025-يىلى يەنە 5000 يۈرۈش سېتىۋېلىشنى پىلانلىدۇق، شۇ چاغدا 30 مىڭغا يېقىن كىشىنىڭ تۇرالغۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش مۆلچەرلەنمەكتە.
ئاكسىيە پاي چېكى جەھەتتە؛
شاڭخەي ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى 3286.41 نۇقتا بولۇپ،% 1.08 تۆۋەنلىگەن، پۈتۈشۈش سوممىسى 806 مىليارد 574 مىليون بولغان. شېنجېن ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى 1054 مىليارد 3.33 نۇقتا بولۇپ، % 1.33 تۆۋەنلەپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 1 تىرىليون 255 مىليارد 536 مىليون بولغان. ئىگىلىك تىكلەش پېيى كۆرسەتكۈچى2177.31 نۇقتا بولۇپ،% 2.32 چۈشۈپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 631 مىليارد 639 مىليون يۈەنگە يەتكەن.
فۇجيەن ئۆلكىسى:كارخانىلارنىڭ چېگرا ھالقىپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنى قولايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويدى.
سىچۇەن چاڭخۇڭ:ئۇدا 10 سودا كۈنىدە ئۆرلەش نىسبىتى% 123.65 بولۇپ، بازار كەيپىياتى زىيادە قىزىپ كەتتى.
جۇڭگو خۇاڭجىن:ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، تىجارەت كىرىمى 46 مىليارد 45 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 1.08 ئېشىپ، ساپ پايدىسى 2 مىليارد 643 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 27.55 ئاشقان.
جۇڭگو خەلق سۇغۇرتىسى:ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، تىجارەت ئومۇمىي كىرىمى 469 مىليارد 576 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 12.2 ئېشىپ، ساپ پايدىسى 36 مىليارد 331 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 77.2 ئاشقان.
خەيئېر جىجيا:ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، تىجارەت كىرىمى 202 مىليارد 971 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 2.2 ئاشقان.
جۇڭگو نېفىتى:ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، تىجارەت كىرىمى 2 تىرىليون 256 مىليارد 279 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 1.1 تۆۋەنلىگەن.
مەيرۇي داۋالاش مۇلازىمىتى:ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، تىجارەت كىرىمى 29 مىليارد 485 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 7.99 ئېشىپ، ساپ پايدىسى 10 مىليارد 637 مىليونغا يەتكەن، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن % 8.16 ئاشقان.
داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى:ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، مەملىكەت بويىچە ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايدا داۋالىنىش خىراجىتىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىشنىڭ يۈرۈشۈشى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئاممىدىن 170 مىليون ئادەم قېتىم نەپ يەتكۈزۈلدى، 142 مىليارد 999 مىليون يۈەن مەبلەغ كېمەيتىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا% 101.14، 29.37% ئاشتى.
تاشقى پېرېۋوت جەھەتتە:
ئامېرىكا پاي چېكى جەھەتتە:داۋجېنىس كۆرسەتكۈچى% 0.36 چۈشۈپ، 42233.05 نۇقتا، ناسداك كۆرسەتكۈچى% 0.78 ئۆرلەپ، 18712.75 نۇقتا، ئۆلچەملىك پور500 كۆرسەتكۈچى % 0.16 ئۆرلەپ، 5832.92 نۇقتا بولدى.
ياۋروپا پاي چېكى جەھەتتە:ئەنگلىيە فۇشى100 كۆرسەتكۈچى،% 0.8 چۈشۈپ، 8219.61 نۇقتا، گېرمانىيە DAX 30 كۆرسەتكۈچ % 0.27 تۆۋەنلەپ، 19478.07 نۇقتا؛ فىرانسىيە CAC 40 كۆرسەتكۈچى % 0.61 چۈشۈپ، 7511.11 نۇقتا بولغان.
