بۇغداي باھاسى ئۆرلىگەندىن كېيىن مال سېتىش ئارزۇسى ئاشتى

10-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى خەۋەرگە قارىغاندا، 10-ئايدا ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان ئۆلكىلەرنىڭ بۇغداي سېتىۋېلىش يۇقىرى باھاسىنىڭ ھەر جىڭى 1.25-1.26 يۈەنگە ئۆرلەپ، ئۆرلەش نىسبىتى ھەر جىڭىنىڭ باھاسى 0.02-0.03 يۈەن بولغان. ئاساسىي قاتلامدىكى ئاشلىق ئىلكىدىكى سۇبيېكتلارنىڭ ئاشلىق سېتىش پايدىسى ياخشىلىنىپ، بىر قىسىم مال سېتىش ئارزۇسى ئاشقان، ئۇن كارخانىلىرىنىڭ كۈندىلىك مال كىرگۈزۈش مىقدارى ئاشقان بولۇپ، ھازىر ئۇننىڭ يېڭى زاكاز مىقدارى كۆپ بولمىغاچقا، قىسمەن سېتىۋېلىش يۇقىرى باھاسى تۆۋەنلەپ، سېتىۋېلىش تەننەرخىنى ۋاقتىدا كونترول قىلىشقا قولايلىق يارىتىلغان. مۆلچەرلىنىشىچە، باھاسى چۈشۈپ كەتسىمۇ ساتماسلىق پىسخىكىسىنىڭ تەسىرىدە، قىسقا مۇددەتلىك ئاشلىق سېتىش باسقۇچ خاراكتېرلىك ئېشىشى مۇمكىن ئىكەن، لېكىن باھا تۆۋەنلىگەندىن كېيىن ئاشلىق سېتىش پايدىسىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، قىسمەن رايونلارغا كېلىدىغان مال مىقدارى يەنە بىر قېتىم ئازىيىشى مۇمكىن ئىكەن.شۇڭا قايتۇرۇش دائىرىسىنىڭ توغرا بولماسلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.