
چىلاننىڭ يېڭى پەسىللىك مەھسۇلات مىقدارىنىڭ 600 مىڭ توننىدىن ئېشىشى مۆلچەرلەندى
11 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خۈنتۈن تيەنچېڭ قەرەللىك مېلىنىڭ 11 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىكى تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭدىكى ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىدا يېڭى پەسىللىك كۈل رەڭ چىلاننىڭ دەرەختىن چۈشۈش ۋاقتى ئۇزىراپ، باھادا تۆۋەنلەش يۈزلىنىشى كۆرۈلگەن:خوتەن، چاقىلىق رايونلىرىدىكى پايدىلىنىشقا بولىدىغان پۈتۈشۈش باھا ئارىلىقىنىڭ ھەر كىلوگىرامى 4.00 يۈەندىن 5.00 يۈەنگىچە، ئارال رايونلىرىدا ھەر كىلوگىرامى 2.70 يۈەندىن 2.90 يۈەنگىچە، چەرچەن رايونلىرىدا پايدىلىنىشقا بولىدىغان پۈتۈشۈش باھا ئارىلىقىنىڭ ھەر كىلوسى 2.50 يۈەندىن 3.50 يۈەنگىچە بولغان. بۇنىڭدىن نۆۋەتتىكى دەرەختىن چۈشۈش سۈپىتىدىن پۈتۈش نىسبىتىنىڭ بۇلتۇرقىدىن تۆۋەن ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىكەن.
، شىنجاڭدىكى سودىگەرلەر بولسا يەنىلا بىرقەدەر ئاز ھەم سېتىۋېلىشتا ئېھتىياتچان پوزىتىسيەدە بولۇپ، كېيىنكى ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىدا دەرەختىن چۈشۈش سۈرئىتى ھەم ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىدا دەسلەپكى باھاغا يېتىشىپ مېڭىشقا توغرا كېلىدىكەن. سېتىش رايونى جەھەتتە بولسا، خېبېي سۈيئېرجۇاڭغا سەككىز ئاپتوموبىل مال كەلگەن بولۇپ، تۆۋەن ئېقىندىكىلەر ئېھتىياجغا ئاساسەن سېتىۋالغان،پۈتۈشۈشتە كۆپىنچە سۈپەتكە قاراپ باھا قويۇلىدىكەن؛ گۇاڭدۇڭ رۇيىفاڭ بازىرىغا ئۈچ ئاپتوموبىل مال كەلگەن بولۇپ، مالغا قاراپ سېتىۋالىدىغان سودىگەرلەر ئاز بولۇپ، پۈتۈشۈشى ئادەتتىكىچە بولغان. يېڭى پەسىلدىكى مەھسۇلات مىقدارىنىڭ 600 مىڭ توننىدىن ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، ئومۇمىي جەھەتتىن تەمىنلەش يېتەرلىك بولغان، سېتىۋېلىش پەسلى باشلىنىپ، تۆۋەن چەكتە داۋالغۇش ھالىتى ساقلانغان، سېتىۋېلىش باھاسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلىش كېرەك ئىكەن.
