گۆشنىڭ باھاسى ئۆرلىدى

10-ئاينىڭ 29-كۈندىكى خەۋەرگە قارىغاندا، يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ كۆزىتىپ ئۆلچىشىگە ئاساسلانغاندا، 10-ئاينىڭ 29-كۈنى «يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ توپ سېتىلىش باھاسى 200 كۆرسەتكۈچى»111.53 بولۇپ، تۈنۈگۈنكىدىن 0.05 نۇقتا تۆۋەنلىگەن، «كۆك-تاق»مەھسۇلاتلىرىنىڭ توپ سېتىلىش باھا كۆرسەتكۈچى 111.10 بولۇپ، تۈنۈگۈنكىدىن 0.05 تۆۋەنلىگەن. بۈگۈن سائەت 14:00 كىچە، مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرىدا، كالا گۆشىنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسىنىڭ ھەر كىلوگىرامى 73.45 يۈەن بولۇپ، تۈنۈگۈنكىدىن % 02 ئۆرلىگەن؛ قوي گۆشىنىڭ ھەر كىلوگىرامى 67.30 يۈەن بولۇپ، تۈنۈگۈنكىدىن % 3.3 تۆۋەنلىگەن؛ تۇخۇمنىڭ ھەر كىلوگىرامى 9.36 يۈەن بولغان،تۈنۈگۈنكىدىن% 0.8 ئۆرلىگەن؛ ئاق توخۇنىڭ ھەر كىلوگىرامى 16.68 يۈەن بولۇپ، تۈنۈگۈنكىدىن% 2.4 تۆۋەنلىگەن.

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.