
ئاسىيا سودا ۋاقتىدا ھەر ئۇنسىيەسى 66.60 دوللار ئەتراپىدا سودا قىلىنغان بولۇپ، ئۆسۈمسىز مۈلۈك كۈمۈش ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم ئۆستۈرۈش پۇل سىياسىتىنىڭ ئىستىقبالى سەۋەبىدىن بېسىمغا دۇچ كەلگەن.
ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى يېقىندا تۈپ ئۆسۈم نىسبىتى نىشانىنى 25 ئاساسىي نۇقتا ئۆستۈرۈپ، % 3.75 تىن % 4.00 كىچە بولغان ئارىلىققا كۆتۈرگەن، سىياسەت تۈزگۈچىلەر يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن يەنە بىر قېتىم ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشى مۇمكىنلىكىدىن بېشارەت بەرگەن.
پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 12-ئايدا ئۆسۈم قوشۇش ئېھتىماللىقى % 89.2 كە يېقىنلاشقان بولۇپ، سودىگەرلەرنىڭ دىققىتى چارشەنبە كۈنى كەچتە ئېلان قىلىنغان ئامېرىكىنىڭ PMI دەسلەپكى قىممەت سانلىق مەلۇماتىغا يۆتكەلگەن.
مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
