پاختا باھاسى ئېھتىياجنىڭ تىرەك بولۇشىنى كۈتمەكتە

، ئالدىنقى ھەپتىدىكى ئۆرلەش-چۈشۈش نىسبىتى:% 0.46 بولغان،
ئالدىنقى ھەپتىدىكى يۈزلىنىش ھالىتى:ئاساسلىقى پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ ئومۇمىي كەيپىياتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ھەپتىنىڭ بېشىدا بازاردىكى ئەندىشە كەيپىياتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى سەۋەبىدىن جېڭجوۋ پاختا زاكاز مېلى داۋاملىق تۆۋەنلىگەن، كېيىنكى يېرىم ھەپتىدە بازار كەيپىياتىنىڭ پەسىيىشىگە ئەگىشىپ، جېڭجوۋ پاختا زاكاز مېلىدا قايتا ئۆرلەش كۆرۈلگەن
بۇ ھەپتىدىكى يۈزلىنىش ئەھۋالىغا نەزەر: يىپ زاۋۇتىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈش نىسبىتى سىجىل تۆۋەنلىگەن، پاختا يىپ ئامبار زاپىسى يۇقىرى بولۇپ، بازارنىڭ ئېھتىياجغا بولغان ئەندىشىسىنى يەنىمۇ ئاشۇرغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تاشقى ماكرولۇق مۇھىت بازارنى ئېھتىياج ئىستىقبالىدىن تېخىمۇ ئەندىشىگە سالغان، قىسقا مۇددەتتىن قارىغاندا، پاختا باھاسى ئېھتىياج تەرەپتىن ھەقىقىي سېتىۋېلىش تىرىكى بىلەن تەمىنلىگەندىن كېيىن ئاندىن مۇقىملىشىدىكەن. قىسقا مۇددەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، پاختا زاكاز مېلىغا نىسبەتەن بەزى تىرەك بولىدىغان ئاساسلىق ئامىللار يۇقىرى ئاساس پەرقى، ئامبار تالونى ئاز بولۇش ۋە پەسىل خاراكتېرلىك سېتىۋېلىش ئارزۇسى بولۇپ، ئەمەلىي ئېھتىياج ۋە نەق مال باھاسىنىڭ يۈزلىنىشىگە كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك. مۆلچەرلىنىشىچە، پاختا زاكاز مېلى قىسقا مۇددەت ئىچىدە سەل ئاجىز بولۇپ، ئوتتۇرا مەزگىللىك زاكاز مال ئەسلىگە كېلىدىكەن

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.