يېڭى پاختىنىڭ قىسقا مۇددەتلىك باھاسىنىڭ داۋالغۇش داۋاملىشىشى مۇمكىن

11-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى خەۋەرگە قارىغاندا، 11-ئاينىڭ 3-كۈنى، يېڭى يىللىق پاختا مەركەزلىك بازارغا سېلىنغان بولغاچقا، سودا ئامبار زاپىسى تېز سۈرئەتتە ئاشقان، جېڭجوۋ پاختىسىنىڭ CF 2701 توختامىدىكى ئامبار زاپىسىنىڭ كۆپىيىشى تۆۋەنلىگەن، بازار ئاخىرىدا 45 نۇقتا تۆۋەنلەپ، ھەر توننىسىنىڭ باھاسى 15 مىڭ 210 يۈەن بىلەن ئاياغلاشقان. قەرەللىك پاختىنىڭ داۋالغۇپ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، چىگىتلىك پاختىنىڭ سېتىۋېلىنىش باھاسى سىجىل تۆۋەنلەپ، نەق مال بىلەن تەمىنلەش كۆپىيىپ، ئاساسىي پەرق ئازراق ئاجىزلىغان، يۇقىرى سۈپەتلىك پاختىنىڭ ئاساسىي پەرقى مۇستەھكەملەنگەن. تۆۋەن ئېقىندىكى توقۇمىچىلىق بازىرىنىڭ يۈرۈشۈشى ئاجىز بولغان، ئاۋات پەسىلدە ئاۋات بولماسلىق ئورتاق تونۇشقا ئايلانغان، تەييار مەھسۇلاتلارنىڭ ئامبار زاپىسى سىجىل بېسىلىپ قالغان، بۇنىڭ بىلەن قوزغىتىش يۈكى تۆۋەنلەپ، توقۇمىچىلىق كارخانىلىرى باھا چۈشكەندە زۆرۈر ئېھتىياج بويىچە ئامبارنى تولۇقلىغان. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، تەمىنلەش بېسىمى ئازايمىغان، ئاخىرقى ئۇچتا كۆرۈنەرلىك ياخشىلانمىغان بولۇپ، باھا قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئاجىز داۋالغۇش ئەندىزىسىنى داۋاملاشتۇرۇشى مۇمكىن ئىكەن.
خەلقئارا جەھەتتە، 10-ئاينىڭ 30-كۈنى ICE پاختا زاكاز مال بازىرىنىڭ يېپىلىشى تۆۋەنلىگەن بولۇپ، بۇ ھەپتىدە يېڭى پاختىنىڭ بازارغا سېلىنىش بېسىمى پاختا باھاسىنىڭ يۈزلىنىشىگە داۋاملىق يېتەكچىلىك قىلغان، 12-ئايلىق توختام جەمئىي 2.37 سېنت تۆۋەنلغان. بازارنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، توقۇمىچىلىق زاۋۇتلىرىنىڭ سېتىۋېلىش ئېھتىياجى مۇقىملىشىشقا باشلىغان، لېكىن پاختا باھاسىنىڭ كۈچىيىشىگە ھەقىقىي تۈرتكە بولۇشقا يەتمىگەن، ئېھتىياجدا كۆرۈنەرلىك ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلۈشتىن بۇرۇن، پاختا باھاسى ئاجىز ھالەتتە تەرتىپكە سېلىنىش ھالىتىنى ساقلايدىكەن.

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.