
گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى:«2027-يىلىدىكى قىسمەن بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتتى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس مۇنداق دېگەن:يەر شارى تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشىنى 1.5 سېلسىيە گىرادۇس ئىچىدە چەكلەش ئۈچۈن، چوقۇم ھەر يىلى يەر شارىۋى كاربون قويۇپ بېرىش مىقدارىنى % 9 ئازايتىش كېرەك، 2030-يىلىغا بارغاندا، بۇنداق بولغاندا، ئومۇمىي سەۋىيە 2025-يىلىدىكىدىن % 43 تۆۋەنلەيدۇ.
ماكرولۇق ئىقتىساد جەھەتتە:
تاموژنا باش مەھكىمىسى:ئالدىنقى ئون ئايدا، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ غەربىي قىسىم قۇرۇقلۇق-دېڭىز يېڭى يولى ئارقىلىق قىلغان ئىمپورت-ئېكسپورتى 1 تىرىليون 150 مىليارد يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 8.8 ئېشىپ، ئومۇمىي ئېشىش سۈرئىتىدىن 3.6 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان.
شېنجېن شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مۇنداق دېگەن:2027-يىللىق ھۆكۈمەت مەبلەغ سېلىش تۈرى پىلانىنى 2-قېتىملىق تەڭشەش لايىھەسىنى ئېلان قىلدى، بۇ قېتىمقى پىلاننى تەڭشەشتە 2027-يىلى ھۆكۈمەت مەبلەغ سېلىش تۈرىنىڭ پىلان كۆلىمى 45 مىليارد يۈەندىن 50 مىليارد يۈەنگە تەڭشىلىپ، 5 مىليارد يۈەن كۆپەيتىلىدۇ.
بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى:جۇڭگو بىلەن ھىندونېزىيە 10-ئاينىڭ 27-كۈنى لاياقەتلىك بولۇشنى باھالاش ھەمكارلىقى چۈشىنىش ئەسلەتمىسى ئىمزالىدى.
ئۆي مۈلۈك جەھەتتە:
چۇڭچىڭ شەھىرى:نۇرغۇن پايدىلىق سىياسەتلەرنىڭ تۈرتكىسىدە، ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ۋەزىيىتى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولدى
گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ خېيۈەن شەھىرى:«خېيۈەن شەھىرىنىڭ ئۆي-زېمىن بازىرىدا سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر بىرقانچە تەدبىرى»نى ئېلان قىلدى.
ئاكسىيە پاي چېكى جەھەتتە:
چارشەنبە كۈنى، شاڭخەي ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى 3421.97 نۇقتا بولۇپ،% 1.39 تۆۋەنلەپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 1 تىرىليون 39 مىليارد 601 مىليون بولغان. شېنجېن ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى 11314.46 نۇقتا بولۇپ،% 0.65 چۈشۈپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 1511 مىليارد 119 مىليون يۈەنگە يەتكەن. ئىگىلىك تىكلەش پېيى كۆرسەتكۈچى 2390.80 نۇقتا بولۇپ،% 0.07 تۆۋەنلەپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 707 مىليارد 261 مىليون يۈەنگە يەتكەن.
خۇسۇسىي ئورۇنلاشتۇرۇش تورى:10-ئاينىڭ 27-كۈنىگىچە، دۆلەت ئىچىدىكى 10 مىليارد يۈەنلىك خۇسۇسىي پاي چېكىنىڭ ئوتتۇرىچە مال ئورنى % 79.08 بولۇپ، ئالدىنقى ھەپتىدىكىدىن زور دەرىجىدە ئۆسكەن.
تاشقى پېرېۋوت جەھەتتە:
ئامېرىكا پاي چېكى جەھەتتە:داۋجېنىس كۆرسەتكۈچى% 0.86 چۈشۈپ، 43910.98 نۇقتا، ناسداك كۆرسەتكۈچى% 0.09 تۆۋەنلەپ، 19281.40 نۇقتا، ئۆلچەملىك پور 500 كۆرسەتكۈچى % 0.29 تۆۋەنلەپ، 5983.99 نۇقتا بولغان.
ياۋروپا پاي چېكى جەھەتتە: ئەنگلىيە فۇشى100 كۆرسەتكۈچى % 1.22 تۆۋەنلەپ، 8025.77 نۇقتا، گېرمانىيە DAX 30 كۆرسەتكۈچى % 2.13تۆۋەنلەپ، 19033.64 نۇقتا، فىرانسىيە CAC 40 كۆرسەتكۈچى % 2.69 تۆۋەنلەپ، 7226.98 نۇقتا بولغان.
