
مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن: ئىمپورت كۆرگەزمىسىدە پۈتۈشۈش جانلاندى، يىل بويىچە ھېسابلىغاندا مۇددىئالىق پۈتۈشۈش سوممىسى 80 مىليارد 10 مىليون دوللار بولۇپ، ئالدىنقى نۆۋەتتىكىدىن% 2.0 ئاشتى.
ماكرولۇق ئىقتىساد جەھەتتە:
جۇڭگو فوندى گېزىتىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلىگەن:خەلقئارالىق تەجرىبىلەردىن پايدىلانغاندا، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، پۇل بىلەن تەمىنلەش مىقدارىنىڭ كونترول قىلىنىشچانلىقى، ئىقتىسادىنىڭ ئاساسلىق ئۆزگىرىشچان مىقدارى بىلەن بولغان باغلىنىشچانلىقى ئاجىزلايدۇ، شۇڭا تەدرىجىي ھالدا سان تىپىدىكى تەڭشەش-تىزگىنلەشتىن باھا تىپىدىكى تەڭشەش-تىزگىنلەش ھالىتىگە ئۆتىدۇ.
گۇاڭجوۋ شەھىرى:10-ئاينىڭ 26-كۈنىگە قەدەر، بۇ يىل ياز 231 كۈن داۋاملاشقان بولۇپ، 1994-يىلى234 كۈن داۋاملاشقان رېكورتنى بۇزۇپ تاشلاپ، 1961-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ ئۇزاق ياز پەسلى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئاكسىيە پاي چېكى جەھەتتە:
شاڭخەي ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى % 0.53 تۆۋەنلەپ، 3452.30 نۇقتا، شېنجېن ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى% 0.66 تۆۋەنلەپ، 11161.70 نۇقتا، ئىگىلىك تىكلەش پېيى كۆرسەتكۈچى% 1.24 تۆۋەنلەپ، 2321.59 نۇقتا بولدى.
خۇاكاڭ تېببىي داۋالاش مۇلازىمىتى مۇنداق دېگەن:بۇ يىللىق زاكازدا كۆرۈنەرلىك ئېشىش يۈزلىنىشى نامايان بولدى، 10-ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، شىركەت يېڭىدىن 2 مىليارد زاكازنى كۆپەيتتى، بۇنىڭ ئىچىدە داۋالاش-ساپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى كۆلىمىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى % 80 تىن % 90 كىچە بولدى.
نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى مۇنداق دېگەن:ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇلى سوممىسىنى ئۆستۈرۈلىدۇ، شەخسلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك ياردەم پۇل سوممىسىنى ئەڭ يۇقىرى چېكى 200 مىڭ يۈەندىن ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 300 مىڭ يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك پۇل سوممىسىنى ئەڭ يۇقىرى چېكى 3 مىليون يۈەندىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىكتىن ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 4 مىليون يۈەندىن ئاشۇرۋەتمەسلىككە ئۆستۈرۈلىدۇ.
تيەنجىن شەھىرى مۇنداق دېگەن:2027-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ يىللىق سودا سوممىسىنىڭ پۈتۈن شەھەرنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتىنى % 10 كە يەتكۈزۈلۈپ، 100 مىليارد يۈەندىن ئاشۇرۇشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈپ، بەلگىلىك خەلقئارا تەسىر كۈچىگە ئىگە 50 تىن ئارتۇق چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئېكسپورت سۈپەتلىك ماركىسىنى يېتىلدۈرۈلىدۇ.
تاشقى پېرېۋوت جەھەتتە:
ئامېرىكا پاي چېكى جەھەتتە: داۋجېنىس كۆرسەتكۈچى0.28%ئۆرلەپ، 52361.58 نۇقتا، ئۆلچەملىك پور500 كۆرسەتكۈچى0.7%ئۆرلەپ، 7676.77 نۇقتا، ناسىداك كۆرسەتكۈچى 0.82% Æئۆرلەپ 26169.38 بولغان.
ياۋروپا پاي چېكى جەھەتتە: گېرمانىيە DAX 30 كۆرسەتكۈچى % 0.76 تۆۋەنلەپ، 19215.48 نۇقتا، فىرانسىيە CAC 40 كۆرسەتكۈچى% 1.17 تۆۋەنلەپ، 7338.67 نۇقتا، ئەنگلىيە فۇشى 100 كۆرسەتكۈچى% 0.84 تۆۋەنلەپ، 8072.39 بولغان.
