بىرىنچى مالىيە-ئىقتىساد تورىدا مۇنداق دېيىلگەن:بىر مەزگىل جىمجىتلىققا چۆمگەندىن كېيىن، يېقىندا ئوتتۇرا، كىچىك بانكىلار يەنە يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش دولقۇنىغا كىردى.

مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مالىيە-ئىقتىسادى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن مۆلچەرلىنشىچە:2026-يىلى دۆلىتىمىزنىڭ قار-مۇز كەسپىنىڭ كۆلىمى تىرىليون يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، 1005 مىليارد 300 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ. ئومۇمىي كۆلەم تېز كېڭەيگەندىن سىرت، قار-مۇز ئىستېمالىدىمۇ تېز ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدىكەن.

ماكرولۇق ئىقتىساد جەھەتتە:

چىڭخۇا داشۆسىنڭى ئىقتىساد باشقۇرۇش مۇدىرى بەي چۇڭئېن مۇنداق دېگەن:ھازىر جەمئىيەت سېلىنمىسىنىڭ پايدا نىسبىتى تۆۋەن، جەمئىيەتنى ئىدار قىلىش ئىدىيەسى جەھەتتە ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمالىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشكە توغرا كېلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ھۆكۈمەت ئاچقۇچلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاھالىلەر ئىستېمالىنى ئاساسلىق باھالاش كۆرسەتكۈچى قىلىپ، يەرلىك باج بىلەن شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمالىنى تېخىمۇ زىچ باغلىشى زۆرۈر.

پايدىلىنىش خەۋىرى:ھىندىستاننىڭ ئېنېرگىيەگە بولغان ئېھتىياجى ئاشقاچقا، 10-ئاينىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا بۇ دۆلەت رۇسىيەدىن نېفىت ئىمپورت قىلىش سۈرئىتىنى تېزلەتتى.

ئۆي مۈلۈك جەھەتتە:

كىرۇي:بېيجىڭ-شاڭخەي-شېنجېن-خاڭجوۋنىڭ تۆۋەن ئومۇمىي باھا بۆلىكى يەنى 2 مىليون ئىچىدە 9-ئايدا پۈتۈشكەن يۈرۈش ساننىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئاشتى، ئەڭ يۇقىرى مۇتلەق ئېھتىياجدىكى خېرىدارلار توپى يەنىلا پۈتۈشۈشتىكى ئاساسلىق كۈچ بولدى.

جۇڭجى دوختۇرخانىسى مۇنداق دېگەن:9-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە جەنۇبىي جۇڭگو رايونىدىكى نۇقتىلىق شەھەرلەر گۇاڭجوۋ، شېنجېندا جەمئىي 12 تۈردە تىجارەت باشلاندى ۋە كۆپەيتىپ يولغا قويۇلدى، 2433 يۈرۈش ئۆي بازارغا سېلىندى.

ئاكسىيە پاي چېكى جەھەتتە:

شاڭخەي ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى % 1.95 تۆۋەنلەپ، 3839.76 نۇقتا  بولغان،  شېنجېن ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى % 3.04 تۆۋەنلەپ، 12688.94 نۇقتا بولغان.؛  ئىگىلىك تىكلەش بۆلىكى كۆرسەتكۈچى % 3.36 تۆۋەنلەپ، 2935.37 نۇقتا بولغان.

گوشۈەن يۇقىرى پەن-تېخنىكىسى:ئۇ بەرپا قىلغان كەسىپ ئىچىدىكى تۇنجى كاربونسىز مەنپىي قۇتۇپ ماتېرىيال زاۋۇتى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ ۋۇخەي شەھىرىدە قۇرۇلدى.

تاشقى پېرېۋوت جەھەتتتە:

ئامېرىكا پاي چېكى جەھەتتە: داۋجېنىس كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتى % 0.52 بولۇپ، 46190.61 نۇقتا؛ ئۆلچەملىك پور500 كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتى % 0.53 بولۇپ، 6664.01 نۇقتا ؛  ناسداك كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتى % 0.52 بولۇپ، 22679.97 نۇقتا بولغان.

ياۋروپا پاي چېكى جەھەتتە: گېرمانىيە DAX 30 كۆرسەتكۈچى% 1.82 چۈشۈپ، 23830.99 نۇقتا ؛  فىرانسىيە CAC 40 كۆرسەتكۈچى% 0.18 چۈشۈپ، 8174.20 نۇقتا؛  ئەنگلىيە فۇشى 100 كۆرسەتكۈچى% 0.86 چۈشۈپ، 9354.57 نۇقتا بولغان.

 

 

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.