ئۆتكەن ھەپتە پۈتۈن يەر شارى ئالتۇن بازىرى يۇقىرى پەللىدە قاتتىق داۋالغۇغاندىن كېيىن تۆۋەنلىگەن يەنى، نەق مال ئالتۇن ھەپتىلىك سىزىقىدا تەخمىنەن % 0.7 تۆۋەنلەش كۆرۈلگەن بولۇپ، ئۆتكەن جۈمە  كۈنى يەنى (10-ئاينىڭ 16-كۈنى) ھەر ئۇنسىيەسى 4165 دوللار ئەتراپىدا يېپىلغان. بازار ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش مۇمكىنچىلىكىنى تەستە دەڭسەپ كۆرمەكتە:بىر تەرەپتىن، 9-ئايدىكى پۇل پاخاللىقى سانلىق مەلۇماتى ئۇدا مۆلچەردىكىدىن ئېشىپ، سىياسەتنى قىسىش مۆلچەرىنى كۈچەيتكەن؛  يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆز ئىشلىتىشى ئېھتىياتچان بولۇپ، AI بۆلىكىنىڭ تۆكمە قىلىپ سېتىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان خەۋپتىن ساقلىنىش ۋە دوللارنىڭ ئاجىزلىشىشى ئالتۇن باھاسىغا يەنە ئارام ئېلىش بوشلۇقى قالدۇرغان. دۈشەنبە كۈنى يەنى(10-ئاينىڭ 19-كۈنى) ئاسىيا ئەتىگەنلىك سودا بازىرىغا كىرگەندە، نەق مال ئالتۇن باھاسى ئازراق ئۆرلەپ، بىر مەھەل 4185 دوللار ئەتراپىغا يەتكەن، نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشى ۋە بىر قىسىم جۇغراپىيەلىك خەۋەرلەرنىڭ پەسىيىشىگە ئەگىشىپ، سودىگەرلەرنىڭ يەنىلا ئاچقۇچلۇق تىرەكنى ساقلاپ قېلىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.