
پېڭ پەي خەۋىرى :يېقىنقى مەزگىلدە ئاق چاچلىق كىشىلەر توپىنىڭ جەنۇبقا بېرىپ سوغۇقتىن دالدىلىنىش، كۆچۈپ ساياھەت قىلىش يۈزلىنىشى كۆرۈنەرلىك بولدى
ماكرولۇق ئىقتىساد جەھەتتە:
شاڭخەي شەھىرى:ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، ئىشقا ئاشۇرۇلغان رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 3 تىرىليون 438 مىليارد 918 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 4.7 ئاشتى.
جېجياڭ ئۆلكىسى:ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 6 تىرىليون 261 مىليارد 800 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 5.4 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن% 4.8 يۇقىرى بولدى.
ئۆي مۈلۈك جەھەتتە:
لېيوۋجيا تەتقىقات مەركىزى:10-ئاينىڭ 12-كۈنىگە قەدەر، مۇشۇ ئايدا شېنجېن شەھىرى بويىچە بىرىنچى قول تۇرالغۇنىڭ سېتىۋېلىنىش مىقدارى جەمئىي 8405 يۈرۈشكە يېتىپ، شېنجېن سودا مىقدارىنىڭ گۈللىنىش سەۋىيەسىگە يەتتى، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە 382 يۈرۈش ئۆي سېتىۋېلىندى.
ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ خېفېي شەھىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى:2026-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن شەھىرىمىزدىكى ئۆزى ئولتۇرىدىغان ئۆينى سېتىۋالغانلارنىڭ ئىككى تەرەپ ئاتا-ئانىسى، پەرزەنتلىرىنىڭ تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىنى چىقىرىۋېلىشىنى قوللايدىغان بولۇپ، چىقىرۋالغان پۇلنىڭ ئومۇمىي سوممىسى ئەمەلىيەتتە تۆلىگەن ئۆي پۇلىدىن كۆپ بولماسلىقى كېرەك.
ئاكسىيە پاي چېكى جەھەتتە:
شاڭخەي ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى 330 2.80 نۇقتا بولۇپ،% 0.52 ئېشىپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 760 مىليارد 66 مىليون يۈەنگە يەتكەن. شېنجېن ئاكسىيە سودا كۆرسەتكۈچى 10576.41 نۇقتا بولۇپ، % 0.16 ئۆرلەپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 1 تىرىليون 166 مىليارد 794 مىليون بولغان. ئىگىلىك تىكلەش پېيى كۆرسەتكۈچى 2205.30 نۇقتا بولۇپ، % 0.53 تۆۋەنلەپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 636 مىليارد 530 مىليون يۈەن بولغان.
جۇڭگو فوند ئۇيۇشمىسى:9-ئايدا، يېڭىدىن ئەنگە ئېلىنغان خۇسۇسىي فوند سانى 689 بولۇپ، يېڭىدىن ئەنگە ئالدۇرۇلغان كۆلەم 23 مىليارد 165 مىليون يۈەن بولغان.
ئاۋمېن:ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە چېگرادىن كىرگەن يولۇچى 25 مىليون 920 مىڭ 900 ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 30.1 ئاشقان.
سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى جىن جۇاڭلۇڭ:بېيجىڭدا ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى كۇك بىلەن كۆرۈشتى.
كانادا مەركىزىي بانكىسى:ئۆسۈم نىسبىتىنى 50 ئاساس نۇقتا تۆۋەنلىتىپ، تۈپ ئۆسۈم نىسبىتىنى % 4.25 تىن % 3.75 كە تۆۋەنلىتىپ،بۇ ئۇدا 4-قېتىم ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشى بولۇپ ھېسابلىندىكەن.
تاشقى پېرېۋوت جەھەتتە:
ئامېرىكا پاي چېكى جەھەتتە:داۋجېنىس كۆرسەتكۈچى% 0.96 چۈشۈپ، 42514.95 نۇقتا؛ ناسداك كۆرسەتكۈچى % 1.60 تۆۋەنلەپ، 18276.65 نۇقتا ئۆلچەملىك پور500 كۆرسەتكۈچى% 0.92 چۈشۈپ، 5797.42 نۇقتا بولغان.
ياۋروپا پاي چېكى جەھەتتە:ئەنگلىيە فۇشى100 كۆرسەتكۈچى،% 0.58 چۈشۈپ، 8258.64 نۇقتا؛ گېرمانىيە DAX 30 كۆرسەتكۈچى % 0.23 چۈشۈپ، 19377.62 نۇقتا؛ فىرانسىيە CAC 40 كۆرسەتكۈچى % 0.50 چۈشۈپ، 7497.48 نۇقتا بولغان.
