بىرىنچى مالىيە-ئىقتىساد خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى:ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچە بولغان كەسىپلەر زىيان تارتىۋاتىدۇ، يورۇقلۇق ۋولت كەسىپ زەنجىرىنىڭ قەھرىتان قىشتىكى  ئومۇمىي پايدىسى تۆۋەنلەۋاتىدۇ، بۇمۇ ھازىرقى يورۇقلۇق ۋولت كارخانىلىرى IPO سىنىڭ ئومۇميۈزلۈك توسالغۇغا ئۇچرىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب بولۇپ قالدى.

ئاكسىيە ۋاقىت گېزىتىدە مۇنۇلار كۆرسىتلىدى:11-ئاينىڭ 1-كۈنى خېنەن يوشۇرۇن خاراكتېردىكى قەرزنى ئالماشتۇرۇشنىڭ تۇنجى قەدىمىنى باشلىغاندىن كېيىن، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ لياۋنىڭ داليەن شەھىرى، گۇيجوۋ ئۆلكىسى، جياڭسۇ ئۆلكىسى ۋە شەندۇڭ چىڭداۋ شەھىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالاقىدار زايوم تارقىتىش ياكى تارقىتىشنى ئېلان قىلىپ، بۇ ئارقىلىق ساقلانما يوشۇرۇن قەرزگە ئالماشتۇرۇشنى باشلىدى، ئومۇمىي سوممىسى جەمئىي 224 مىليارد يۈەندىن ئاشتى.

ماكرولۇق ئىقتىساد جەھەتتە :

سانلىق مەلۇمات ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى ليۇ ليېخۇڭ مۇنداق دېگەن:دۆلىتىمىز دۇنيا بويىچە سانلىق مەلۇمات مۇھىم ئامىللىرى نەزەرىيەسىنى تۇنجى ئوتتۇرىغا قويغان دۆلەت، سانلىق مەلۇمات ئىشلەپچىقىرىش مۇھىم ئامىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەنئەنىۋى ئىشلەپچىقىرىش مۇھىم ئامىلىغا ئوخشىمايدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە، سانلىق مەلۇماتلارنى ئامىللاشتۇرۇش، بازارلاشتۇرۇش، قىممەتكە ئايلاندۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا يەنە نۇرغۇن نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە دۇچ كېلىمىز .

جۇڭجېڭ گېزىتى:ھازىرغىچە، شېنجېن شەھىرىدىكى 59 شىركەت قايتۇرۇپ سېتىۋېلىش مەخسۇس قەرز پۇل ئومۇمىي سوممىسىنىڭ 13 مىليارد 461 مىليون يۈەنگە ئېرىشكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى، 11 شىركەت ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ كۆپەيتكەن،  قەرز پۇل ئومۇمىي سوممىسى 4 مىليارد 371 مىليون يۈەن بولغان.

ئاكسىيە پاي چېكى جەھەتتە :

شاڭخەي ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى % 1.45 تۆۋەنلەپ، 3330.73 نۇقتا،شېنجېن ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى% 2.62 تۆۋەنلەپ، 10748.97 نۇقتا،  ئىگىلىك تىكلەش پېيى كۆرسەتكۈچى% 3.91 تۆۋەنلەپ، 2243.62 نۇقتا بولغان.

جۇڭگو ئاكسىيە بازىرى گېزىتى:11-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە، جۇڭگو ئاكسىيە بازىرى A 500 كۆرسەتكۈچى ئېلان قىلىنىپ ئىككى ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، جۇڭگو ئاكسىيە شىركىتى A 500 گە مۇناسىۋەتلىك فوند مەھسۇلاتلىرىنىڭ كۆلىمى 210 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، 220 مىليارد يۈەنگە يېقىنلىشىپ، كۆرسەتكۈچكە مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلات كۆلىمى ئەڭ تېز ئېشىش رېكورتى يارىتىلدى.

جۇڭگو فوندى گېزىتى:11-ئاينىڭ 1-كۈنىگە قەدەر، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان 307 نەپەر فوند دىرېكتورى خىزمىتىدىن ئايرىلدى.

تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى:جۇڭگو يەر شارى بويىچە ئەڭ چوڭ، ئەڭ مۇكەممەل يېڭى ئېنېرگىيە كەسىپ زەنجىرى قۇرۇلدى.

تاشقىي پېرۋوت جەھەتتە:

ئامېرىكا پاي چېكى  جەھەتتە: داۋجېنىس كۆرسەتكۈچى% 0.7 چۈشۈپ، 3444.99 نۇقتا، ئۆلچەملىك پور 500 كۆرسەتكۈچى % 1.32 تۆۋەنلەپ، 5870.62 نۇقتا، ناسداك كۆرسەتكۈچى% 2.24 تۆۋەنلەپ، 18680.12 نۇقتا بولغان.

ياۋروپا پاي چېكى جەھەتتە:ئالدىنقى جۈمە كۈنى، گېرمانىيە DAX 30 كۆرسەتكۈچى % 0.27 تۆۋەنلەپ، 19210.81 نۇقتا، فىرانسىيە CAC 40 كۆرسەتكۈچى% 0.58 تۆۋەنلەپ، 7269.63 نۇقتا، ئەنگلىيە فۇشى 100 كۆرسەتكۈچى% 0.09 تۆۋەنلەپ، 8063.61 نۇقتا بولغان.

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.