
ئەسىرئىقتىساد خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى:ياش نوپۇسنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن، نۇرغۇن جايدىكى ئۆي-مۈلۈك بازارلىرى ياردەم تولۇقلىمىسى دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە باشلىدى.
ماكرولۇق ئىقتىساد جەھەتتە:
تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مۇنۇلارنى بىلدۈردى:ئىقتىدارى بار پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور پەن-تېخنىكا ئۆتكىلىدىن ئۆتۈش ۋەزىپىسىنى باشلامچىلىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىشىنى قوللاپ، پۇقراۋى كارخانىلارغا نىسبەتەن دۆلەتنىڭ مۇھىم، چوڭ پەن تەتقىقات ئۇل ئەسلىھەلىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئېچىۋېتىدۇ.
سودا مىنىستىرلىقى مۇنداق دېدى:2026-يىلى، دۆلەت دەرىجىلىك ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 10 تىرىليون يۈەن، ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن تاشقى مەبلەغ 39 مىليارد 500 مىليون دوللار بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتە ئىگىلىگەن نىسبىتى بىردەك % 24 تىن ئاشتى.
جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە پۈتۈن ئۆلكە بويىچە ئىشقا ئاشۇرۇلغان رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 9774 مىليارد 430 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 5.7 ئاشقان.
شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە پۈتۈن ئۆلكىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 7198 مىليارد 100 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 5.6 ئاشقان.
ئاكسىيە پاي چېكى جەھەتتە:
شاڭخەي ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى 3280.26 نۇقتا بولۇپ،% 0.68 تۆۋەنلەپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 585 مىليارد 249 مىليون بولغان. شېنجېن ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى 10441.75 نۇقتا بولۇپپ % 1.27 تۆۋەنلەپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 935 مىليارد 287 مىليون يۈەن بولغان. ئىگىلىك تىكلەش پېيى كۆرسەتكۈچى 2175.10 نۇقتا بولۇپ%1.37 چۈشۈپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 498 مىليارد 240 مىليون يۈەنگە يەتكەن.
شاڭخەي ئاكسىيە بازىرى:پىشاڭلىق مەبلەغ سىجىل تۈردە بازاردا مال كۆپەيتىشىنى ئاساس قىلماقتا.
خېڭرۇي تېببىي دورىگەرلىكىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدىكى ساپ پايدىسى 4 مىليارد 620 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 32.98 ئاشقان.
دۆلەت ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى:ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان تىجارەت كىرىمى 133 مىليارد 862 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن% 2.79 تۆۋەنلەپ، ساپ پايدىسى 9 مىليارد 191 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 63.41 ئاشقان.
كورېيە:3-پەسىللىك GDP بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 1.5 ئېشىپ، مۆلچەر قىممىتى % 2 بولغان.
تاشقى پېرېۋوت جەھەتتە:
ئامېرىكا پاي چېكى جەھەتتە:داۋجېنىس كۆرسەتكۈچى% 0.33 چۈشۈپ، 42374.36 نۇقتا؛ ناسداك كۆرسەتكۈچى% 0.76 ئۆرلەپ، 18415.49 نۇقتا؛ ئۆلچەملىك 500 كۆرسەتكۈچى% 0.21 ئۆرلەپ، 5809.86 نۇقتا بولغان.
ياۋروپا پاي چېكى جەھەتتە:ئەنگلىيە فۇشى 100كۆرسەتكۈچى% 0.13 ئۆرلەپ، 8269.38 نۇقتا؛ گېرمانىيە DAX 30 كۆرسەتكۈچى % 0.34 ئۆرلەپ، 1943.00 نۇقتا؛ فىرانسىيە CAC 40 كۆرسەتكۈچى % 0.08 ئۆرلەپ، 7503.28 نۇقتا بولغان.
