
ئاكسىيە نازارەتچىلىكى كومىتېتى مۇنداق دېگەن:بازار، ئاپپارات، مەھسۇلاتنى ھەر تەرەپلىمە تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
ۋىيشىن سىن سۇپىسى:10-ئايدا، بەلگىلىمىگە خىلاپ جەمئىي 23 مىڭ 574 بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيى ۋە 11 مىڭ 590 بەلگىلىمىگە خىلاپ ھېسابات نومۇرى بىر تەرەپ قىلىندى.
شاڭخەي شەھىرى:ئادەتتىكى تۇرالغۇ ۋە غەيرىي ئادەتتىكى تۇرالغۇ ئۆلچىمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، شەخسلەر تۇرالغۇ ئۆيىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە، ئۆينىڭ ئەسلىي قىممەت ئىسپاتىنى تولۇق، توغرا تەمىنلەپ بەرمىسە ياكى ئۆينىڭ تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج سوممىسىنى توغرا ھېسابلىيالمىسا ، بەلگىلىمىگە ئاساسەن شەخسلەر تاپاۋەت بېجىدىن تەكشۈرۈپ بېكىتىپ باج ئېلىش يولغا قويۇلۇپ، كىرىمىنىڭ % 1 ى بويىچە شەخسلەر تاپاۋەت بېجى ئېلىندۇ.
ماكرولۇق ئىقتىساد جەھەتتە:
مالىيە مىنىستىرلىقى مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن:1 ـ ئايدىن 10 ـ ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمى 1 تىرىليون 498 مىليارد 100 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن% 1.3 تۆۋەنلىگەن.
ئىستاتىستىكا ئىدارىسى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: 10-ئايدا، مەملىكەت بويىچە شەھەر-بازارلاردا مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان 16-24 ياشتىكى ئەمگەك كۈچىنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى% 17.1 بولغان.
ئۆي مۈلۈك جەھەتتە:
بېيجىڭ شەھىرى:1-ئايدىن 10-ئايغىچە، شەھەر بويىچە يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش كۆلىمى 8 مىليون 473 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 1.8 تۆۋەنلىگەن.
ئاكسىيە پاي چېكى جەھەتتە :
شاڭخەي ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى 3323.85 نۇقتا بولۇپ،% 0.21 تۆۋەنلەپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 755 مىليارد 810 مىليون يۈەنگە يەتكەن. شېنجېن ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى 10544.02 نۇقتا بولۇپ،% 1.91 تۆۋەنلەپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 1001 مىليارد 885 مىليون بولغان. ئىگىلىك تىكلەش بۆلىكى 2190.95 نۇقتا بولۇپ،% 2.35 چۈشۈپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 466 مىليارد 115 مىليون يۈەن بولغان.
شياۋمى گۇرۇھى:3-پەسىلدە، تىجارەت كىرىمى 92 مىليارد 510 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 30.5 ئاشقان،
ۋۇخەن فەنگۇ:شىركەت نىشانلانغان شىركەتنىڭ مەبلىغىنى كۆپەيتىش، پېيىنى كېڭەيتىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ، سېلىنما سوممىسى 100 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
مالىيە مىنىستىرلىقى مۇنداق دېگەن:دۆلەت زايومىنى بازار جەھەتتىن قوللاش مەشغۇلاتىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى.
شاڭخەي ئاكسىيە گېزىتىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن:10-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن بۇيانقى ئۆرلىگەن بازار ئەھۋالىدا، بىر قىسىم فوندلار تېز سۈرئەتتە ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، مول نەتىجىگە ئېرىشتى.
مەركىزىي بانكىنىڭ شېنجېن شەھەرلىك شۆبە بانكىسى:10-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شېنجېننىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپى قەرز پۇل قالدۇق سوممىسى 100 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، 117 مىليارد 470 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 25.5 ئاشقان.
مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن:بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، دۆلىتىمىزدە يىللىق كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن تېز يوللانما 100 دىن ئېشىپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن سېكۇنتىغا 5400 دىن ئارتۇق تېز يوللانما يەتكۈزۈلدى، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا كۈندىلىك كەسىپ مىقدارى 729 مىليون پارچىدىن ئاشتى
تايلاند:3-پەسىللىك GDP سېلىشتۇرما نىسبىتى % 1.2 ئېشىپ، مۆلچەر قىممەت % 0.8 بولغان.
تاشقىي پېرۋوت جەھەتتە:
ئامېرىكا پاي چېكى جەھەتتە:داۋجېنىس كۆرسەتكۈچى % 0.81 ئۆرلەپ، 47368.63 نۇقتا؛ ناسداك كۆرسەتكۈچى %2.27 ئۆرلەپ، 23527.17 نۇقتا؛ ئۆلچەملىك پور 500 كۆرسەتكۈچى % 1.54 ئۆرلەپ، 6832.43 نۇقتا بولغان.
ياۋروپا پاي چېكى جەھەتتە:ئەنگلىيە فۇشى 100 كۆرسەتكۈچى % 1.08 ئۆرلەپ، 9787.15 نۇقتا؛ گېرمانىيە DAX 30 كۆرسەتكۈچى % 1.65 ئۆرلەپ، 23959.99 نۇقتا؛ فىرانسىيە CAC 40 كۆرسەتكۈچى % 1.32 ئۆرلەپ، 8055.51 نۇقتا بولغان.
