
جۇڭلياڭ شۆبە-تارماق بانكىسى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى:3-پەسىلدە، شاڭخەيدە يېڭىدىن كۆپەيگەن ئالىي دەرىجىلىك تۇرالغۇدىن جەمئىي 12 تۈر تىجارەت باشلاپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 422.7 ئاشتى، ئالىي دەرىجىلىك بىرىنچى قول تۇرالغۇدىن جەمئىي 947 يۈرۈش پۈتۈشۈلگەن بولۇپ، باھاغا چەك قويۇلغان ئەھۋالدا، شاڭخەينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىرىنچى قول تۇرالغۇلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە باھا سېلىشتۇرما نىسبىتى % 0.3 تىن 143 مىڭ 700 يۈەنگىچە ئۆرلىگەن.
ماكرولۇق ئىقتىساد جەھەتتە:
ئىستاتىستىكا ئىدارىسى:دۆلىتىمىز نوپۇسىنىڭ تەرەققىيات، ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى دەل جايىدا، ۋاقتىدا كۆزىتىش ۋە ئەكس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن، پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە 2026-يىللىق نوپۇسنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى.
ئاكسىيە گېزىتى:يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن مەخسۇس زايوم تارقىتىشنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى سۈرئىتى كۆرۈنەرلىك تېزلەشتى.
ئاكسىيە پاي چېكى جەھەتتە:
شاڭخەي ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى 3301.93 نۇقتا بولۇپ % 1.32 ئۆرلەپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 947 مىليارد 789 مىليون بولغان. شېنجېن ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى 10471.08 نۇقتا بولۇپ،% 0.82 تۆۋەنلەپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 1195 مىليارد 201 مىليون يۈەنگە يەتتى. ئىگىلىك تىكلەش پېيى كۆرسەتكۈچى2212.91 نۇقتا بولۇپ،% 2.95 تۆۋەنلەپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 633 مىليارد 252 مىليون يۈەنگە يەتكەن.
خۇڭتا ئاكسىيەسى مۇنداق دېدى:ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ساپ پايدىنىڭ 652 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 203.85 ئېشىشى مۆلچەرلەندى.
تاشقىي پېرۋوت جەھەتتە:
ئامېرىكا پاي چېكى جەھەتتە: داۋجېنىس كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتى % 1.01 بولۇپ، 47207.12 نۇقتا، ئۆلچەملىك پور 500 كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتى % 0.79 بولۇپ، 6791.69 نۇقتا، ناسداك كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتى % 1.15 بولۇپ، 23204.87 نۇقتا بولغان.
ياۋروپا پاي چېكى جەھەتتە:گېرمانىيە DAX 30 كۆرسەتكۈچى % 0.13 ئۆرلەپ، 24239.89 نۇقتا، فىرانسىيە CAC 40 كۆرسەتكۈچى % 0 تۆۋەنلەپ، 8225.63 نۇقتا ، ئەنگلىيە فۇشى 100 كۆرسەتكۈچى % 0.7 ئۆرلەپ، 9645.62 نۇقتا بولغان.
