پەيشەنبە كۈنى ئاسىيا دەسلەپكى سودىدا، نەق مال ئالتۇننىڭ ھەر ئۇنسىيەسى 4115 دوللار ئەتراپىدا تار دائىرىدە رەتلىنىپ، ئالدىنقى كۈندىن بۇيانقى ئاجىز ئەندىزىنى داۋاملاشتۇرغان. نۆۋەتتىكى ئالتۇن باھاسىنىڭ يادرولۇق زىددىيىتى:جۇغراپىيەلىك توقۇنۇش ئېلىپ كەلگەن خەۋپتىن ساقلىنىش ئېھتىياجى بىلەن يۇقىرى ئۆسۈم نىسبىتى مۇھىتىدىكى پۇرسەت تەننەرخى بېسىمى بىر-بىرىنى بىكار قىلىپ، قىممەتلىك مېتاللارنىڭ چوڭ چۈشۈشىنىڭ تەس بولۇش، راۋان قايتا ئۆرلىشىنىڭ قېيىن بولۇش ھالىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تىپىك «يۇقىرىدا يۇقىرى، تۆۋەندە تۆۋەن»بولۇشتەك ھەرىدەش ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلغان. ئالتۇننىڭ قىسقا مۇددەتلىك يادرولۇق زىددىيىتى جۇغراپىيەلىك خەۋپ-خەتەر باھاسىنىڭ تۆۋەن قىسمىنى تىرەك بىلەن تەمىنلىشىدە ئېنىق ئىپادىلەنگەن.يۇقىرى ئۆسۈم نىسبىتى مۇھىتى بىلەن كۈچلۈك بولغان دوللار ئۆرلەش بوشلۇقىنى قىسىپ، ئىككىسىنىڭ تەسىر كۈچى ئالتۇن باھاسىنىڭ 4070 دوللاردىن 4160 دوللارغىچە بولغان ئارىلىقتا قايتا ـ قايتا ھەرىدىشىنى بەلگىلىگەن.

كېيىن ئۈچ ئۆزگەرگۈچى مىقدارغا نۇقتىلىق دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدىكەن:بىرىنچى، خورمۇز بوغۇزىنىڭ قاتناش ئەھۋالى دۆلەتلەرنىڭ ئارا پوزىتسىيەسىنىڭ ئۆزگىرىشى، بۇ خەۋپتىن ساقلىنىش كەيپىياتىنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتىنى بىۋاسىتە بەلگىلەيدىكەن؛  ئىككىنچى، ئامېرىكىنىڭ پۇل پاخاللىقى سانلىق مەلۇماتى بىلەن ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ يىل ئاخىرىدىكى سىياسەت يولى، ئەگەر 12 ـ ئايدا ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرى داۋاملىق ئۆرلىسە، ئەمەلىي ئۆسۈم نىسبىتى بېسىمى تۈرتكە بولۇش ئالتۇن باھاسىنىڭ 4070 دوللاردىن تۆۋەن تەرىپىدىكى تىرەكنى سىنايدىكەن؛  ئۈچىنچى، دوللار كۆرسەتكۈچىنىڭ يۈزلىنىشى،ئەگەر ئامېرىكا دوللىرى پايدا نىسبىتىنىڭ تىرەك بولۇشى ئاجىزلاش سەۋەبىدىن يەنە بىر قېتىم ئاجىزلاشسا، ئالتۇننى باھا ھېسابلاش ئۇچىدىكى ئارتۇقچە ياردەم بىلەن تەمىنلەيدىكەن. ئوتتۇرا مەزگىلدىن قارىغاندا، ئارىلىق ئۈنۈملۈك بۆسۈپ ئۆتۈلۈشتىن بۇرۇن، ئالتۇن باھاسىدا داۋالغۇش، ئاجىزلىشىش ئەندىزىسى ساقلىنىدىكەن، يۈزلىنىش خاراكتېرلىك يۆنىلىشنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشتە يەنىلا پۇل پاخاللىقى سانلىق مەلۇماتىنىڭ رىتىمى ۋە مەركىزىي بانكىنىڭ يىل ئاخىرىدىكى سىياسەت يولىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئايدىڭلىشىشىنى ساقلاشقا توغرا كېلىدىكەن.

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.