ئامبار زاپىسى سانلىق مەلۇماتى جەھەتتە، ئامېرىكا نېفىت جەمئىيىتى APIچارشەنبە كۈنى سەھەردە ئېلان قىلغان ھەپتىلىك دوكلات بازارنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلانغان. 10-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى ھەپتىگىچە، ئامېرىكىنىڭ خام نېفىت ئامبار زاپىسى 11 مىليون 123 مىڭ تۇڭ تېز تۆۋەنلەپ، بازار مۆلچەرلىگەن 1 مىليون 900 مىڭ تۇڭ كۆپىيىشتىن خېلىلا ئېشىپ كەتكەن، شۇنداقلا ئالدىنقى ھەپتىدىكى 2 مىليون 90 مىڭ تۇڭ ئازىيىش نىسبىتىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ، 1-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ يەككە ھەپتىلىك تۆۋەنلەش نىسبىتىنى ياراتقان. بىراق، تەييار ماي ئامبار زاپىسى سانلىق مەلۇماتىدا پەرق كۆرۈلگەن بولۇپ، بېنزىن ئامبار زاپىسى ئويلىمىغان يەردىن 1 مىليون 91 مىڭ تۇڭ كۆپىيىپ، بازار مۆلچەرلىگەن 800 مىڭ تۇڭ ئازىيىش بىلەن پەرق شەكىللەنگەن؛  چەككىلەنگەن ماي ئامبار زاپىسى 1 مىليون 458 مىڭ تۇڭ ئازىيىپ، تۆۋەنلەش نىسبىتى بازار مۆلچەرلىگەن 2 مىليون تۇڭغا يەتمىگەن.خام نېفىت ئامبار زاپىسىنىڭ شىددەت بىلەن چۈشۈشى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئېھتىياجىنىڭ كۈچلۈك بولغانلىقى ھەمدە ئىمپورت مىقدارىنىڭ باسقۇچ خاراكتېرلىك تارايغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈردى، لېكىن بېنزىن ئامبار زاپىسىنىڭ تاسادىپىي ئېشىشى تېرمىنال ئىستېمال ئۇچىنىڭ ئاستىلاۋاتقانلىقىدىن دېرەك بەرگەن.

دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئامېرىكىنىڭ كولۇمبۇ كۈنلۈك دەم ئېلىش مەزگىلىنىڭ تەسىرىدە،APIۋە EIA نىڭ ھەپتىلىك ئامبار زاپىسى سانلىق مەلۇماتلىرى بىردەك ئېلان قىلىنىشنى كېچىكتۈرگەن بولۇپ، پەيشەنبە كۈنى سەھەر سائەت 4:30 دا ئېلان قىلىنغان، ھالبۇكى تېخىمۇ نوپۇزلۇق EIA ئورگان تەرەپ سانلىق مەلۇماتى جۈمە كۈنى سەھەر سائەت 0:00 دە ئېلان قىلىنىدىكەن. بازار ئادەتتە API نى EIA يۆنىلىشىگە ئالدىن ھۆكۈم قىلىشتىكى ئالدىن كۆرسەتكۈچ دەپ قارايدۇ، بۇ قېتىمقىAPI خام نېفىت ئامبار زاپىسىنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى مۆلچەردىكىدىن خېلىلا ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ، EIA سانلىق مەلۇماتىدىمۇ ئوخشاشلا زور دەرىجىدە ئامباردىن چىقىرىۋېتىش ئەندىزىسىنىڭ نامايان بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن ئىكەن، ئەگەر دەلىللەنسە، نېفىت باھاسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆرلەشنى كاتالىزاتور بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.