OPEC نىڭ ئايلىق دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 9-ئايدا كەڭ مەنىدىكى OPEC+خام نېفىتنىڭ كۈندىلىك مەھسۇلات مىقدارى ھالقىسىمان سېلىشتۇرما ئېشىپ تەخمىنەن 900 مىڭ تۇڭ بولۇپ، كۈنىگە 39 مىليون 70 مىڭ تۇڭغا يەتكەن؛  بۇنىڭ ئىچىدە سەئۇدىنىڭ9-ئايدىكى مەھسۇلات مىقدارى ئېشىپ كۈنىگە 8 مىليون 370 مىڭ تۇڭ ئەتراپىغا يېتىپ، 8-ئايدىكىدىن كۈنىگە 2 مىليون تۇڭدىن ئارتۇق ئاشقان. رۇسىيەنىڭ 9-ئايدىكى مەھسۇلات مىقدارى ھالقىسىمان سېلىشتۇرما ئېشىپ كۈنىگە تەخمىنەن 38 مىڭ تۇڭ تۆۋەنلىگەن، ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە داۋاملىق ھۇجۇم قىلىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. گەرچە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەھسۇلات مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئاشقان بولسىمۇ، لېكىن سۇ تىرانسپورت خەۋپ-خەتىرى، نېفىت پاراخوتىنىڭ توشۇش ھەققىنىڭ تېز ئۆرلىشى ھەمدە سۇغۇرتا تەننەرخىنىڭ يۇقىرى بولۇشى ئەمەلىي ئېكسپورتنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى يەنىلا مۇقىم قىلالمىغان.

ئېھتىياج تەرەپتىكى كۆزلىمە داۋاملىق ئاجىزلىغان. 2026-يىلى  ئوپىك يەر شارىۋى نېفىت ئېھتىياجىنىڭ ئېشىش مۆلچەرىنى كۈنىگە 180 مىڭ تۇڭغا تۆۋەنلەتكەن ، بۇ، ئىلگىرىكىدىن كۈنىگە 380 مىڭ تۇڭدىن تۆۋەن بولۇپ، ئۇدا 6-قېتىم تۆۋەنلەش ھېسابلىنىدىكەن؛  شۇنىڭ بىلەن بىللە، 2027-يىلىدىكى ئېھتىياجنىڭ ئېشىش مۆلچەرىنى كۈنىگە 2 مىليون 550 مىڭ تۇڭغا ئۆستۈرگەن، بۇ، ئاساسلىقى توقۇنۇشتىن كېيىنكى ئامبار زاپىسىنى قايتا قۇرۇش ئېھتىياجىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىكەن. بۇ، بۇ يىل يۇقىرى نېفىت باھاسىنىڭ ئەمەلىي ئىستېمالنى داۋاملىق بېسىدىغانلىقىدىن، كېلەر يىلى ئامبارنى تولۇقلاشنىڭ ئاساسلىق تىرەككە ئايلىنىشى مۇمكىنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن، لېكىن قىسقا مۇددەتلىك ئىستېمال تەرىپى كۈچلۈك بولمايدىكەن.

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.