‮  ‮‮⁦‮ نېفىت باھاسى داۋاملىق تەڭشەلدى

‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮‮چارشەنبە كۈنى ئاسىيا سودا ۋاقتىدا، ⁦WTI⁩ خام نېفىت باھاسى ئىككى كۈن ئۇدا تۆۋەنلىگەندىن كېيىن ئازراق ئۆرلەپ، ⁦85.60⁩ دوللار ئەتراپىغا چىقتى، ھازىرقى باھاسى تەخمىنەن ⁦86.20⁩ دوللار ئەتراپىدا.‮ بىراق ئىككى دۆلەتنىڭ جىددىي مۇناسىۋىتىدە پەسىيىش ئالامەتلىرىنىڭ كۆرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، نېفىت باھاسى يەنىلا كۇرسى چۈشۈش بېسىمىغا دۇچ كەلگەن.‮ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ ھەرىكەت قوللىنىشنىڭ ئەمدى زۆرۈرىيىتى يوقلىقىدىن بېشارەت بەرگەن، بۇ يوشۇرۇن دىپلوماتىيە ئارقىلىق ھەل قىلىشقا بولغان ئۈمىدۋار مۆلچەرنى كۈچەيتىۋەتكەن.‮ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پارلامېنت دېموكراتلار پارتىيەسىدىكىلەر يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆكۈمەت مەبلىغىنى توختىتىش مۇددىتىدىن پايدىلىنىپ، تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ؛‮ لېكىن، ئېنىقسىزلىق يەنىلا مەۋجۇت؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، گەرچە ھورمۇز بوغۇزىدىكى پاراخوتلار داۋاملىق ھۇجۇمغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، جۇغراپىيلىك رايونىنىڭ نېفىت ترانسپورتى توقۇنۇشتىن بۇرۇنقى سەۋىيىگە قايتىپ قالغان.‮ بۇ تىرانسپورتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەمەلىيىتى تەمىنلەش تەرەپتىكى ئەڭ بىۋاسىتە بېسىمنى شەكىللەندۈرگەن؛ ‮ ئامېرىكىنىڭ ئۆلچەملىك خام نېفىت باھاسى⁦10-ئاينىڭ ئاخىرىدىكى چوققا قىممەتتىن ٪20⁩ كە يېقىن چۈشكەن، مۆلچەرنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە رايون نېفىت ئېكسپورتىنىڭ سىجىل ئەسلىگە كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئۇنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى ئېشىش نىسبىتى زور دەرىجىدە ئۆزگەرگەن.

‮نۆۋەتتە⁦WTI⁩نىڭ يادرولۇق زىددىيىتى، بۇ ” ئىككى دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ پەسىيىشى ۋە جۇغراپىيلىك تىرانسپورتىنىڭ توقۇنۇشتىن ئىلگىرىكى سەۋىيەگە قايتىشى ” شەكىللەندۈرگەن ماھىيەتلىك تەمىنلەشنى بوشاشتۇرۇش ھېسابلىنىدىكەن “. ئوتتۇرا مەزگىلدىن قارىغاندا، ئەگەر تىرامپ ھۆكۈمىتى ” غەلىبە ” گە ئېنىقلىما بېرىش ئۈچۈن ئېلاستىك كېلىشىم قوبۇل قىلسا، توقۇنۇش ھەل قىلىنسا، جۇغراپىيەلىك باھا نىسبىتى يەنىمۇ ئېنىقلىنىدىكەن،  بۇنداق ئەھۋالدا نېفىت باھاسى⁦84⁩ تىن تۆۋەنلىشى ھەمدە تېخىمۇ چوڭ تۆۋەنلەش بوشلۇقى ئېچىشى مۇمكىن؛ ئەگەر سۆھبەت يەنە بۇزۇلسا ياكى توقۇنۇش كۈچىيىپ كەتسە، خەۋپ-خەتەر ئۆرلىگەن باھا تېز سۈرئەتتە قايتىپ، ماي باھاسىنىڭ ⁦88⁩ تىن يۇقىرى ئورۇنغا قايتىشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن. شۇڭا مەبلەغ سالغۇچىلار‮ ئىككى دۆلەت سۆھبىتىنىڭ ماھىيەتلىك ئىلگىرىلىشى ۋە ” كېلىشىم ” نىڭ كونكرېت ماددىلىرى، ھورمۇز بوغۇزىغا ھۇجۇم قىلىش قېتىم سانى ھەمدە دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ مەبلەغ ئارىيەت ئېلىپ ۋاقىتنى توختىتىپ بېسىم ئىشلىتىشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىغا نۇقتىلىق دىققەت قىلىش كېرەك .

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.