
WTI خام نېفىتى پەيشەنبە كۈنى ئاسىيا سودا بازىرىدا بىر مەھەل ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 102 دوللاردىن تۆۋەنلەپ كەتكەن بولۇپ، بازاردا ھەتتا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە 100 دوللارلىق پۈتۈن سان ئۆتكىلىدىن چۈشۈپ كەتكەن، ئارقىدىن سېتىۋېلىشنى قوبۇل قىلىپ، قولدىن كەتكەن يەرلەرنى تېز سۈرئەتتە قايتۇرۇۋالغان. جۈمە كۈنى ئەتىگەندە يەنە 104.70 دوللارغا ھۇجۇم قىلغان، بۇ، بازارنىڭ «جۇغراپيىلىك تەمىناتى ئۈزۈلۈپ قېلىش قۇيرۇق قىسمىدىكى خەۋپ-خەتەر»كە بېكىتكەن باھاسىنىڭ تېخى بىكار قىلىنمىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بۇ ھەپتە ئىچىدە جۇغراپيىلىك ۋەزىيەتىنىڭ جىددىيلىكى يەنە بىر قېتىم ئەۋج ئېلىپ، نېفىت باھاسىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك باھانى كۈتىۋېلىشغا ئۇل سېلىپ بەرگەن. ئەگەر جۇغراپيىلىك توقۇنۇش داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈلسە نېفىت باھاسىنىڭ قايتىدىن يۇقىرى نۇقتىغا چىقىشدا ئۈمىد بار ئىكەن، ئەگەر جۇغراپيىلىك ۋەزىيەت پەسكويغا چۈشۈش ئېھتىماللىقى قايتا بارلىققا كەلسە يەنى سۆھبەتتە ئىلگىرلەش ئالامىتى بولسا نېفىت باھاسىنىڭ نىسبەتەن چۈشۈشىدا ئۈمىد بار ئىكەن.
