مورگان تومسون شەخسىي بانكىسىنىڭ ئاسىيا ئۆسۈم نىسبىتى ۋە تاشقى پېرېۋوت ئىستراتېگىيەسىگە مەسئۇل خادىمى تاڭ يۈشۈەن مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:ئالتۇن يېقىندا تۆكمە قىلىپ سېتىلغاندىن كېيىن يەنىلا يەنىمۇ تۆۋەنلەش خەۋپىگە دۇچ كەلدى، ئاساسلىق سەۋەب بازارنىڭ ئوبوروتچانلىقى سۇس، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ يەنىلا ئۆسۈم قوشۇش بوشلۇقى بار.
بۇ بانكا ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ 12-ئاي ۋە 2027-يىلى 1-پەسىلدە ئۆسۈم نىسبىتىنى بىر قېتىمدىن ئۆستۈرۈپ ئون يىللىق ئامېرىكا زايومىنىڭ پايدا نىسبىتىنىڭ 2027-يىلىدا % 5.25 تىن % 5.5 كىچە بولغان چوققا قىممەتكە يېتىدىغانلىقىغا تۈرتكە بولدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن. پايدا نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشى ئالتۇننىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرغان. لېكىن، ئۆسۈم نىسبىتى يۇقىرى چەككە يەتكەن ھامان، ئالتۇننىڭ ئاساسى پۇختا بولىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە، 2027-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا 4500 دوللارغا، يىل ئاخىرىدا 5000 دوللارغا يېتىدىكەن، بۇ، ئاساسلىقى خەۋپتىن ساقلىنىش ئېھتىياجى ۋە ئىقتىسادىي سىياسەت ئېنىقسىزلىقىدىن بولغان.
شىۋېيتسارىيە بانكىسى باش مەبلەغ سېلىش ئىشخانىسى (CIO) ئالتۇننىڭ كەلگۈسى 12 ئايغا بولغان ئىجابىي قارىشىنى ساقلىغان، مۆلچەرلىنىشىچە، 2026-يىلى 12-ئايدا ئالتۇننىڭ باھاسى 4600 دوللارغا يېتىدىكەن، ئارقىدىن تەدرىجىي ئۆرلەپ 2027-يىلى 3-ئايدىكى 5000 دوللار، 6-ئايدىكى 5200 دوللارغا يېتىدىكەن ھەمدە 2027-يىلى 9-ئايدا 5400 دوللارغا يېتىدىكەن.
شىۋېيتسارىيە بانكىسىنىڭ قارىشىچە، يېقىنقى مەزگىلدىكى ئەمەلىي پايدا نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشى ۋە دوللارنىڭ مۇستەھكەملىنىشى گەرچە قىسقا مۇددەتلىك تەتۈر شامالنى شەكىللەندۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن مەركىزىي بانكىنىڭ ئالتۇن سېتىۋېلىشى، زاپاس ساقلاشتىكى ئېنقىسزلىقىنىڭ مەنبەلىشىشى، ھۆكۈمەت بىرتۇتاش قەرز كۆپىيىپ كېتىشى ھەمدە جۇغراپىيەلىك سىياسىي ئېنىقسىزلىق يەنىلا يادرولۇق تىرەك بولغان. 4000 دوللار ئەتراپىغا چۈشۈپ قالغان ھەرقانداق تەڭشەش بىردەك ئېچىۋېتىش پۇرسىتىنى كۆپەيتىش دەپ قارالغان.

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.