داۋفۇ مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرۇش شىركىتى ئەڭ يېڭى سان «ئايلىق ئالتۇننى كۆزىتىپ ئۆلچەش»تە، ئالتۇن باھاسىنىڭ 2027-يىلى 1-پەسىلنىڭ ئاخىرىدا ھەر ئۇنسىيەسى 4750 دوللاردىن 5500 دوللارغىچە بولغان ئارىلىقتا داۋالغۇيدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن. بىراق، ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشى، دوللارنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، بۇ خىل ئۆسۈمسىز مۈلۈك داۋاملىق بېسىمغا ئۇچرىغان . بۇ شىركەت بۇ خىل ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنى ئىلگىرىكى% 70 تىن% 60 كە تۆۋەنلەتكەن.
داۋفۇ ئالتۇن ئىستراتېگىيەسىنىڭ مەسئۇلى دوشى مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن:گەرچە قۇرۇلمىلىق ئېھتىياج يەنىلا پۈتكۈل ئالتۇن بازىرىغا تىرەك بولۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ پۇل سىياسىتى ئىستىقبالىنى چۆرىدەپ ئېنىقسىزلىق ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتىدۇ. بۇ ئەڭ يېڭى دوكلاتتىمۇ 9-ئاينىڭ ئاخىرىدىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ ئېھتىياتچان مەيدان نامايان قىلىنماقتا. ئەينى چاغدا دوشى زايوم پايدا نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشى گەرچە ئالتۇن باھاسىنى 4000 دوللارغا يەتكۈزۈشى مۇمكىن بولسىمۇ، لېكىن تېخىمۇ كەڭ بولغان ئۆسۈش بازىرى ئەندىزىسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىمىدى، دېگەن. ئۇ چاغدا دوشى 4000 دوللارنى ئالتۇن باھاسىنىڭ يوشۇرۇن تۆۋەن چېكى دەپ قارىغان،ھەمدە ئالتۇن باھاسىنىڭ 2027-يىلى 6-ئايدىن بۇرۇن 5000 ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىشىدىن ئۈمىد بار دەپ قاراشتا چىڭ تۇرغان. گەرچە بۇ تېخىمۇ ئۇزۇن دەۋرىيلىك ئۈمىدۋار ھۆكۈم يەنىلا ساقلاپ قېلىنغان بولسىمۇ، لېكىن داۋفۇنىڭ ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا بازارنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى باھاغا تۇتىشىدىغان يولىنىڭ بارغانسېرى ئەگرى-توقاي بولۇۋاتقانلىقىدىن بېشارەت بېرىلدىكەن. بۇ شىركەت نۆۋەتتە پاسسىپ ئەھۋالغا% 35 ئېھتىماللىق بەرگەن، يەنى كەلگۈسى ئالتە ئايدىن توققۇز ئايغىچە ئالتۇن باھاسى 4000-4750 ئامېرىكا دوللىرى ئارىلىقىدا تۇرىماقتا.

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.