نەق مال ئالتۇن ئالدىنقى جۈمە كۈنى 3975 دوللارغا تۆۋەنلىگەن بولۇپ، 7 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ قالغاندىن كېيىن، دۈشەنبە كۈنى(10 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى)% 0.48 ئۆرلەپ، ھەر ئۇنسىيەسى 4016.97 دوللار بويىچە بازارنى ئاخىرلاشتۇرغان؛ 12 ـ ئايدا ھېسابات ئۈزىدىغان ئامېرىكا ئالتۇن زاكاز مېلى% 0.8 ئۆرلەپ، راسچوت باھاسى 4038.40 دوللار بولغان. يۈزەكى جەھەتتىن قارىغاندا، بۇ بىر قېتىملىق زىيادە چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىنكى تېخنىكىلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھېسابلىندىكەن؛ تېخىمۇ چوڭقۇر بىر قاتلامدىن قارىغاندا، ئالتۇننىڭ باھاسى نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈپ پۇل پاخاللىقى ئەندىشىسىنى پەسەيتىش، تۆۋەن باھادا سېتىۋېلىپ بازارغا كىرىش، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى قارار چىقىرىشتىن بۇرۇن سودىدا ئېھتىياتچان بولۇش، جۇغراپىيەلىك خەۋپ ـ خەتىرى يەنىلا تارقىلىپ كەتمەسلىك قاتارلىق كۆپ خىل كۈچلەرنىڭ گىرەلىشىشى ئاستىدا، يۈزلىنشىنى ۋاقتىنچە مۇقىملاشتۇرغان.
ھازىر ئالتۇندىكى يادرولۇق زىددىيەت ناھايىتى ئېنىق بولۇپ:يۇقىرىدا ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرى، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئېلاستىكلىقى ۋە % 5 كە يېقىن ئامېرىكا زايومىنىڭ پايدا نىسبىتىنىڭ بېسىمى بار بولۇپ، تۆۋەندە جۇغراپىيەلىك خەۋپتىن ساقلىنىش، پۇل پاخاللىقىنى تۈگىتىش ۋە 4000 ئامېرىكا دوللىرى ئۆتكىلى ئەتراپىدىكى سېتىۋېلىشنىڭ تىرەك بولۇشى بار بولغاچقا ، ئالتۇن باھاسى قىسقا مۇددەت ئىچىدە تەخمىنەن 4000 ئامېرىكا دوللىرىنى چۆرىدەپ داۋالغۇپ تۇرىدىكەن، ھەقىقىي يۆنىلىش ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ قارارى ۋە PCE سانلىق مەلۇماتىنىڭ يېڭى يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىشىنى ساقلايدىكەن.
سەيشەنبە كۈنى (10-ئاينىڭ 27-كۈنى) ئاسىيا ئەتىگەنلىك سودا بازىرىدا، نەق مال ئالتۇنى داۋالغۇپ ئازراق چۈشكەن بولۇپ، نۆۋەتتە ھەر ئۇنسىيەسى 4005.04 ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا سودىلىشىپ، تۆۋەنلەش نىسبىتى تەخمىنەن % 0.3 بولغان.

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.