ئالتۇننىڭ باھاسى ئالدىنقى ھەپتە سەل بۇرۇن ئىككى ئايلىق تۆۋەن نۇقتىدىن ھەر ئۇنسىيەسى 4066.30 ئامېرىكا دوللىرىغا چۈشۈپ قالغان ھەمدە، ئارقىدىن تۆۋەن باھادا سېتىۋېلىنىشقا ئېرىشىپ، نەق مال ئالتۇننى قايتىدىن بىر ھەپتىلىك يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرگەن. ئۆتكەن جۈمە كۈنى نەق مال ئالتۇننىڭ باھاسى% 1.5 ئۆرلەپ، ھەر ئۇنسىيەسى 4194.99 ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ھەپتىلىك سىزىقى تەخمىنەن% 1.3 ئۆرلىگەن؛  ئامېرىكىنىڭ 12-ئايلىق قەرەللىك ئالتۇنى% 1.4 ئۆرلەپ، ھەر ئۇنسىيەسى 4216.3 ئامېرىكا دوللىرى بىلەن بازارنى ئاخىرلاشتۇرغان. بىراق، دۈشەنبە كۈنى (12-ئۆكتەبىر) بازارنىڭ بېشىدا ئالتۇننىڭ باھاسى تار دائىرىدە تەۋرىنىپ، نۆۋەتتە ھەر ئۇنسىيەسى 4195 ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا سودا قىلىنىۋاتقان بولۇپ، بازار كەيپىياتى يەنىلا ئېھتىياتچان ھالەتتە تۇرماقتا . ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا،ئالتۇن 4000 دوللارلىق پىسخىكىلىق ئۆتكەلنىڭ ئۈستىدىكى داۋالغۇپ ئەسلىگە كېلىش مەزگىلىدە تۇرغان بولۇپ، ئۇزۇن ۋە قىسقا ئىككى تەرەپ ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش يولى، دوللارنىڭ كۈچلۈكلۈكى ۋە ئاجىزلىقى، ئامېرىكا زايومىنىڭ پايدا نىسبىتى ۋە جۇغراپىيەلىك خەۋپ-خەتەرنى چۆرىدەپ كەسكىن تارتىشىشنى قانات يايدۇرماقتا

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.