كېيىنكى بازارغا نەزەر سالساق، ئالتۇن باھاسى قىسقا مۇددەت ئىچىدە يەنىلا تۆۋەن نۇقتىدا داۋالغۇپ تۇرۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئەگەر چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى يىغىنىنىڭ خاتىرىسىدە كومىتېتنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا بولغان ئەندىشە ۋە پۇل پاخاللىقىغا بولغان ئەندىشىنىڭ ئوخشاشلا كۈچلۈك ئىكەنلىكى كۆرسىتىلسە، بازار زور دەرىجىدە ئۆسۈم قوشۇشقا بولغان كۆزلىمىنى تۆۋەنلىتىپ، دوللارغا بەلگىلىك بېسىم ئېلىپ كېلىشى ھەمدە ئالتۇن باھاسىنىڭ تېخنىكىلىق قايتا ئۆرلىشىنى قوزغىتىشى مۇمكىن.
ھالبۇكى، ئون يىللىق ئامېرىكا زايومىنىڭ پايدا نىسبىتى % 5 تىن يۇقىرى بولۇشنى ساقلاپ، ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچى داۋاملىق يۇقىرى سەۋىيەگە يېقىنلاشسىلا، ئالتۇن باھاسىنىڭ بېسىمدىن ھەقىقىي قۇتۇلۇشى ناھايىتى تەس. ھازىرقى تۆۋەنلەش جەريانى بىر قېتىملىق سەۋرچانلىق بىلەن خورىتىش جېڭىگە تېخىمۇ ئوخشايدۇ، كۆپ تەرەپ ماكرولۇق مۇھىتتا تېخىمۇ ئېنىق بولغان بوشىشىش سىگنالىنىڭ كۆرۈلۈشىنى ساقلىغاندىلا، ئاندىن تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى قايتىدىن قولغا كەلتۈرەلەيدۇ.

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.