
پەيشەنبە كۈنى يەر شارىۋى ئالتۇن بازىرىدا كۆرۈنەرلىك ئۆرلەش كۆرۈلگەن بولۇپ، نەق مال ئالتۇن بىر مەھەل ھەر ئۇنسىيەسى 4146.77 دوللارغا ئۆرلەپ، ئىككى ھەپتىدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەنى ياراتقان، ئەڭ ئاخىرىدا تەخمىنەن % 0.7 تىن 4088.80 دوللار ئەتراپىدا يېپىلغان. ئالتۇن زاكاز مېلى تەڭ قەدەمدە كۈچەپ، 12-ئايلىق توختامدا % 1 ئۆرلەپ، 4113.50 دوللارغا يەتكەن .
پەقەت بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى، ئالتۇننىڭ باھاسى يەنىلا 3869 دوللار ئەتراپىدا ئارىسالدى بولۇپ، بۇ ھەپتىدە جەمئىي ئۆرلىگەن باھا 250 دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن، چارشەنبە كۈنىدىكى يەككە كۈنلۈك ئۆرلەش نىسبىتى % 3.4 كە يېقىنلىشىپ، 8-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ يەككە كۈنلۈك ئۆرلەش نىسبىتىنى ياراتقان. بازار كەيپىياتى ئۈمىدسىزلىكتىن ئېھتىياتچانلىق، ئۈمىدۋارلىققا ئۆزگەردى بۇنىڭ ئارقىسىدا كۆپ خىل ئامىللارنىڭ رېزونانىسى بار. جۈمە بولسا (11-ئاينىڭ 6-كۈنى) ئاسىيا بازىرىدا، نەق مال ئالتۇن تار دائىرىدە داۋالغۇپ، بازارنىڭ دىققەت نۇقتىسى كەچتە ئېلان قىلىنىدىغان ئامېرىكىنىڭ 10-ئايدىكى يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا ئىشقا ئورۇنلىشىش دوكلاتىغا يۆتكەلگەن.
