11-ئاينىڭ 3-كۈنى سەيشەنبە، نەق مال ئالتۇن باھاسى 1-ئايدىكى يۇقىرى نۇقتىدىن كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەشنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ھازىر 3900 دوللار ئەتراپىدىكى سەۋىيەدە ئايلىنىپ، يىل ئىچىدىكى چوققا قىممەتتىن چېكىنىش دەرىجىسى % 30 كە يېقىنلاشقان. جۇغراپيىلىك توقۇنۇش ئېنېرگىيە تەننەرخى ۋە ئۆسۈم نىسبىتى كۆزلىمىسىنى داۋاملىق ئۆرلىتىپ، ئۆسۈمسىز مۈلۈككە قارىتا بېسىم شەكىللەندۈرگەن، لېكىن ھۆكۈمەت تەرەپ تارماقلىرىنىڭ ئالتۇن سېتىۋېلىش پائالىيىتى 3-پەسىلدە كۆرۈنەرلىك تېزلەشكەن. دۇنيا ئالتۇن جەمئىيىتى ئەڭ يېڭى ئېلان قىلغان پەسىللىك ئېھتىياج يۈزلىنىشى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، پۈتۈن يەر شارىدىكى مەركىزىي بانكىلار بىلەن باشقا ھۆكۈمەت تەرەپ ئاپپاراتلىرى 3-پەسىلدە 321 توننا ئالتۇننى ساپ كۆپەيتىپ سېتىۋالغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 42 ئاشقان.2024-يىلى 4-پەسىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى پەسىللىك ئېشىش مىقدارى بولۇپ، بۇ يىل ئىچىدە جەمئىي سېتىۋالغان ئالتۇن مىقدارى 675 توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 6 ئاشقان. دوكلاتنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدە، ئالتۇننىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى ھەر ئۇنسىيەسى 4262 دوللار بولۇپ، ئېھتىياج قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 22 تىن 188 مىليارد دوللارغىچە ئاشقان.

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.