نېفىت باھاسىنىڭ %10 چۈشۈشىدىن ئۈمىد بار 

نېفىت باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن چۈشۈشى مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىنكى بازار مۆلچەرى جۇغراپىيلىك ۋەزىيەتنىڭ پەسىيىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىكەن، لېكىن توقۇنۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان تەمىنات ئەندىشىسى يەنىلا بازارنى تىرەك بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

ھەپتىنىڭ بەشىنچى كۈنى (11-ئاينىڭ⁦6-كۈنى) ئاسىيا بازىرىدا، خەلقئارا نېفىت باھاسى داۋاملىق ئۆرلىگەن بولۇپ،⁦12-ئايدا مال تاپشۇرىدىغان ئامېرىكا خام نېفىت قەرەللىك مېلىنىڭ باھاسى تەخمىنەن %0.9⁩ ئۆسۈپ، ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى ⁦91.30⁩ دوللار ئەتراپىدا بولغان.

بۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا نېفىت باھاسى تۆۋەنلەپ كەتكەن بولۇپ، بازارنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئامېرىكا ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمىغا بولغان مۆلچەرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان؛‮ سايلام نەتىجىسى دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتاسى ۋە ئاۋام پالاتاسىنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى قايتۇرغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن، بازار بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ۋەزىيىتىنىڭ ئاستىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن دەپ قارىغان.‮

‮نېفىت باھاسىنىڭ ھەپتىلىك  سىزىقتا تەخمىنەن %⁦10⁩ چۈشۈشىدىن ئۈمىد بار بولۇپ، يادرولۇق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن كېيىن بازارنىڭ جۇغراپىيلىك ۋەزىيىتىنىڭ ئاستىلىشىغا بولغان مۆلچەرى؛ دېموكراتلار پارتىيەسى ئىككى پالاتانى سۈپۈرۈپ تاشلىغاندىن كېيىن، چارشەنبە كۈنى نېفىت باھاسى بىر كۈندە %⁦8⁩ چۈشۈپ، ئىككى ئايدىن بۇيانقى تۆۋەن نۇقتىدا مۇقىملاشقان.

نۆۋەتتە نېفىت بازىرى ” سىياسەت جەھەتتىن پەسىيىش كۆزلىمىسى ” بىلەن ” رېئال تەمىنلەش تەھدىتى” نى قايتا-قايتا مۆچەرلەش ئىچىدە تۇرۋاتقان بولۇپ، قىسقا مۇددەتلىك داۋالغۇش كۈچىيىپ، ھەپتىلىك چوڭ چۈشۈش بىلەن كۈندىلىك لىنىيەدە قايتا ئۆرلەش تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا؛

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.