خام نېفىت ھازىرقى باسقۇچتا ئىككىلىنىش ھالىتىدە تۇرغان. قىسقا مۇددەتتىن قارىغاندا، نېفىت باھاسىدا يەنىلا ئالدى بىلەن بىر قېتىم پايدىسىز تۈزىتىش كۆرۈلۈپ، 95.00 دوللارغا قايتىشى مۆلچەرلەنگەن، ھەتتا ئىلگىرى بۆسۈپ ئۆتۈلگەن 93.48 دوللارلىق دولقۇن بۆلىكىنىڭ يۇقىرى نۇقتىسى ئەتراپىغا قايتىپ كەلگەن.

بىراق، تەھلىل قىلىنىشىچە، تېخىمۇ چوڭقۇر دەرىجىدە تۈزىتىش مۇقەررەر ئەمەس ئىكەن، چۈنكى تۆۋەن قاتلامدىكى سېتىۋېلىش يەنىلا كۈچلۈك بولۇپ، باھاسىمۇ روشەن چېكىنىش كۆرۈلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا داۋاملىق ئۆرلەش تىرايېكتورىيەسىنى ساقلىشى مۇمكىن ئىكەن.

ياۋرۇپا سودا ۋاقىت بۆلىكىدە، بېرنت خام نېفىت تەۋرىنىش ھالىتىدە تۇرغان بولۇپ، ھازىرقى ئۆرلەش ھالىتى 1% تىن ئېشىپ، ھە رتۇڭىنىڭ باھاسى 107.50دوللارغا يەتكەن. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقدا دۈشەنبە كۈنىدىكى يۇقىرى نۇقتا 109.72دوللارلىق يۇقىرى نۇقتىنى نىشانلىغان، ھەمدە 5-ئاينىڭ 21-كۈندىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى سەۋىيەنى ياراتقان.

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.