قىممەتلىك مېتاللارنى ئىلكىدە تۇتۇش پۇرسەت تەننەرخىنىڭ ئۆرلىشىنىڭ تەسىرىدە، ئالتۇن باھاسى 9-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇيانقى تۆۋەن نۇقتىغا چۈشكەن يەنى، چارشەنبە كۈنى (11-ئاينىڭ 18-كۈنى) نەق مال ئالتۇننىڭ بىر كۈنلۈك چۈشۈش نىسبىتى % 3 تىن ئېشىپ كەتكەن، كۈمۈشنىڭ ئىپادىسى بازارنىڭ دىققىتىنى تېخىمۇ تارتقان يەنى، كۈمۈش باھاسى تېز سۈرئەتتە 45 دوللاردىن تۆۋەنلەپ، نەق مال كۈمۈشىنىڭ بىر كۈنلۈك چۈشۈش نىسبىتى % 5 كە يېقىن بولغان.
FxPro نىڭ باش بازار ئانالىزچىسى ئالېكس كۇپسىكېۋىچ مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: كۈمۈش ھەم پۇل مۇئامىلە خاسلىقى ھەم سانائەت خاسلىقىغا ئىگە بولۇپ، قوش بېسىم ئاستىدا، قىممەتلىك مېتال بۆلىكىدە ئالتۇندىن كۆرۈنەرلىك ئارقىدا قالدى. بۇ ئايدىن ھازىرغىچە، ئالتۇننىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى % 4.5 ئەتراپىدا بولدى، كۈمۈشنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى تېخىمۇ زور بولدى، بۇنى ئاددىي ھالدا ئۇنىڭ ئۆزىدىكى داۋالغۇش تېخىمۇ يۇقىرى دەپ يىغىنچاقلاشقا بولمايدۇ. 11-ئاينىڭ بېشىغىچە، كۈمۈش باش تېمىسىدىكى ETF نىڭ ئىلكىدىكى ئاكسىيە 1 مىليارد 250 مىليون ئۇنسىيە بولۇپ، يىل بېشىدىكىدىن % 4 تۆۋەنلىدى. كۆپ مىقدارلىق تاۋارنىڭ ئۆزى دەۋرىيلىككە ئىگە بولۇپ، باھا ئۆرلىگەندىن كېيىن ئېھتىياج ھەمىشە تۆۋەنلەيدۇ،ھوشيار بولۇشقا ئەڭ ئەرزىيدىغىنى شۇكى، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى زاۋۇتلىرىنىڭ سېتىۋېلىش ئارزۇسى تۆۋەنلىدى، ئۆتكەن بەش يىلدا يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى كەسپى ئىزچىل يەر شارىۋى كۈمۈش ئېھتىياجىنىڭ ئەڭ مۇھىم تۈۋرۈكلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلدى.

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.