
ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن ئالدىنقى جۈمە (11-ئاينىڭ 6-كۈنى)، ئالتۇن بازىرىدا ئۆرلەش ۋە چۈشۈشنىڭ ھەممىسىنى تېزلىتىۋېتىدىغان غالتەكلىك سىيرىلغۇچ بازار ئەھۋالى كۆرۈلگەن بولۇپ، مۆلچەردىن خېلىلا ئېشىپ كەتكەن ئامېرىكىنىڭ يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دوكلاتى خۇددى تۈزلەڭلىكتە گۈلدۈرماما گۈلدۈرلىگەندەك، ئالتۇن باھاسىنىڭ قىسقا مۇددەتلىك قايتا ئۆرلەش يۈزلىنىشىنى بېسىمغا ئۇچراتقان، نەق مال ئالتۇن بازاردا بىر مەھەل % 1 تىن كۆپرەك شىددەت بىلەن چۈشۈپ، ئەڭ تۆۋەن بولغاندا ھەر ئۇنسىيە ئالتۇننىڭ باھاسى 4028.43 دوللارغا چۈشكەن، لېكىن ئاخىرقى باھادا چۈشۈش نىسبىتىنىڭ بىر قىسمى قايتۇرۇۋېلىنىپ، ئاخىرىدا % 0.43 تۆۋەنلەپ 4071 دوللارغا چۈشكەن.
گەرچە ئالدىنقى جۈمە كۈنى «قارا جۈمە»شەكلىدىكى بېسىمغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئالتۇننىڭ باھاسىنىڭ ئالدىنقى ھەپتىدىكى جەمئىي ئۆرلەش نىسبىتى يەنىلا% 5.2 كە يېتىپ، ھەپتىلىك سىزىقتا 8-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى ئىپادىسى يارىتىلغان. بۇ خىل يىمىرىلىش يۈزلىنىشى، دەل نۆۋەتتىكى ئالتۇن بازىرىدا ئۇزۇن ۋە قىسقا ئامىللار كەسكىن گىرەلىشىپ كەتكەن مۇرەككەپ ئەندىزىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن يەنى:بىر تەرەپتىن كۈچلۈك ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش كۆزلىمىسىنى، ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ئامېرىكا زايومىنىڭ پايدا نىسبىتىنىڭ قول تۇتۇشۇپ ئۆرلىشىدەك پاسسىپ بېسىمنى كۈچەيتكەن، يەنە بىر تەرەپتىن جۇغراپىيەلىك سىياسىي خەۋپ-خەتەر، ئەمەلىي بۇيۇم سېتىۋېلىشنىڭ تىرەك بولۇشى ۋە بازارنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئېنىقسىزلىق
لاردىن خەۋپتىن ساقلىنىش ئېھتىياجىنىڭ بارلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن.
بۇ ھەپتە، ئامېرىكىنىڭ 10-ئايدىكى CPI ۋە PPI قاتارلىق پۇل پاخاللىقى سانلىق مەلۇماتلىرى ھەمدە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ كۆپلىگەن ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزى بىردەك مەيدانغا چىقىدىغان بولغاچقا، ئالتۇننىڭ ھەقىقىي يۆنىلىش خاراكتېرلىك سىنىقى بەلكىم ئەمدىلا باشلانغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن
