بازارنىڭ ھەقىقىي دىققىتى بۇ ھەپتىدىكى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى سىياسەت يىغىنىغا يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلەشكەن. تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەر بۇ ھەپتىدە ئامېرىكىنىڭ قىسقا مۇددەتلىك قەرز تەننەرخىنى يەنە بىر قېتىم ئۆستۈرمەيدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن، لېكىن پۇل پاخاللىقى ئەندىشىسى يەنىلا تۈگىمىگەچكە، مەبلەغ سالغۇچىلار ئۆسۈم قوشۇشنى ۋاقتىنچە توختىتىش بەك ئۇزاق داۋاملاشمايدۇ، دەپ قارىغان. چىكاگو تاۋار سودا ئورنىنىڭ Fed Watch قورالىدا كۆرسىتىلىشىچە، سودىگەرلەر نۆۋەتتە 12-ئايدا ئامېرىكىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش ئېھتىماللىقىنىڭ يەنىلا% 83 كە يېتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن.
سانلىق مەلۇماتتىن كۆرسىتىلىشچە، ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشى ئالتۇن ساقلاشنىڭ پۇرسەت تەننەرخىنى بىۋاسىتە ئاشۇرىدىكەن. ھازىر ئامېرىكا دۆلەت زايومىنىڭ پايدا نىسبىتى ئومۇمىي جەھەتتىن يۇقىرى ئورۇننى ساقلاپ، 10 يىللىق پايدا نىسبىتى% 5 ئاستىدا تار دائىرىدە داۋالغۇپ تۇرغان، ئىككى يىللىق پايدا نىسبىتى ئازراق ئۆرلىگەن.
بازار ئالدىنقى ھەپتىدە ئەقلىي ئىدراك تېخنىكىسى بۆلىكىدە تۆكمە قىلىپ سېتىش ئېلىپ كەلگەن خەۋپتىن ساقلىنىش سېتىۋېلىشىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، سودا ئاجىزلاشقا قاراپ يۈزلەنگەن، مەبلەغ سالغۇچىلار ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ سۆز ئىشلىتىش سىگنالىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن كۈتمەكتە. ئەگەر يىغىندا ئۆسۈم قوشۇشقا مايىل سىگنال قويۇپ بېرىلىپ، پۇل پاخاللىقىنىڭ يېپىشقاقلىقى ۋە كېيىنكى ئۆسۈم قوشۇش مۇمكىنچىلىكى تەكىتلەنسە، ئالتۇن قايتىدىن بېسىمغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن ئىكەن؛ ئەكسىچە، ئەگەر سۆز ئىشلىتىشتە ئۆسۈم ئۆزگەرتمەسلىككە مايىل بولسا ياكى سانلىق مەلۇماتقا تايىنىشنى تەكىتلىسە، يېقىنقى مەزگىلدىكى قايتا ئۆرلەشنى مۇستەھكەملەشكە پايدىلىق ئىكەن.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنىدىغان ئامېرىكىنىڭ شەخسىي ئىستېمال چىقىمى (PCE) سانلىق مەلۇماتى بازار تەرىپىدىن ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان پۇل پاخاللىقى كۆرسەتكۈچى دەپ قارالدىغان بولغاچقا، بۇ سانلىق مەلۇمات نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشىنىڭ پۇل پاخاللىقى كۆزلىمىسىگە بولغان ئەمەلىي تەسىرىنى بىۋاسىتە تەكشۈرىدۇ، شۇنداقلا ئالتۇن باھاسىنىڭ كېيىنكى قەدەمدىكى يۆنىلىشىدىكى مۇھىم كاتالىزاتور بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن.

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.