
ئامېرىكا فېدېراتسىيەسى زاپاس پۇل كومىتېتى بۇ قېتىمقى ئۆسۈم نىسبىتى يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بارلىق ئەزالار بىردەك بېلەت تاشلاپ، 2023 ـ يىلىدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشنى تاماملىغان.
چېكىتلىك سىزىقلىق خەرىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا فېدېراتسىيەسى زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئەمەلدارلىرى يىل ئىچىدە يەنە بىر قېتىم ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشكە ئومۇميۈزلۈك ھۆكۈم قىلغان. ئامېرىكا فېدېراتسىيەسى زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ رەئىسى كېۋىن ۋوش يىغىندىن كېيىنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق بىلدۈردى:مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنىڭ مۇھىم ئالدىنقى شەرتى، پۇل پاخاللىقى ئۇزاق مەزگىل يۇقىرى پەللىدە تۇرۇش مەسىلىسىنى جىددىي ھەل قىلىش زۆرۈر. ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى سىجىل جىددىيلىشىپ، خام نېفىت باھاسىغا تىرەك بولغان، بازار ئېنېرگىيەنىڭ پۇل پاخاللىقىنى ئۆرلىتىۋېتىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، ئامېرىكا فېدېراتسىيەسى زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ پۇل سىياسىتىنى داۋاملىق چىڭىتىش كۆزلىمىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن.
داخۇا بانكىسىنىڭ تەھلىلچىسى مۇنداق كۆرسەتكەن:ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئۆسۈم قوشۇش دەۋرىيلىكىنى قايتا باشلاپ، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ بازار ئىستىقبالىنى قايتا بەرپا قىلماقتا. بۇ بانكا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:نۆۋەتتە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى يەنە ئىككى قېتىم ئۆستۈرۈشى مۆلچەرلەندى، 2024 ـ يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇيان ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچىنى بېسىپ تۇرغان ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۆسۈم پەرقىنىڭ تارىيىش يۈزلىنىشى ياكى تەتۈر ئايلىنىشى ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچىگە پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن. مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە، داخۇا بانكىسى ئەسلىدىكى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئامېرىكا دوللىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ ھۆكۈم چىقىرىش خىرىسقا دۇچ كەلدى، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئون دۆلەت گۇرۇھى پۇلى ھەمدە ئاسىيا پۇلىغا قارىتا ئۆرلەش خەۋپى مەۋجۇت، دەپ قارىغان.
