
پۇل سىياسىتى ئالتۇن باھاسىنى بېسىمغا ئۇچراتقان بىردىنبىر ئۆزگەرگۈچى مىقدار ئەمەس، فىرانسىيە تاشقى سودا بانكىسى ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا ئالتۇن باھاسىغا تىرەك بولغان يادرولۇق كۈچ، يەنى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەركىزىي بانكىلىرىنىڭ ئالتۇن سېتىۋېلىشىدا، ئاستىلاش ئالامەتلىرىنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى كۆزەتكەن. داخدا پولشا مەركىزىي بانكىسىنى مىسالغا ئالغان، بۇ بانكا 700 توننا ئالتۇن زاپىسىنى كۆپەيتىش نىشانىنى تاماملىغان. ئۇ مۇنداق دېگەن:«گەرچە پولشا مەركىزىي بانكىسىنىڭ بانكا باشلىقى كېيىن داۋاملىق سېتىۋېلىشنى نەزەردىن ساقىت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن بازار ئومۇميۈزلۈك ھالدا، كەڭ كۆلەمدە كۆپەيتىش باسقۇچى ئاساسىي جەھەتتىن ئاخىرلاشتى، دەپ قارىدى».
شۇنىڭ بىلەن بىللە، قازاقىستان مەركىزىي بانكىسى يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن، ئالتۇننىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتىنى % 78 تىن % 75 كە تەڭشەپ، كېمەيتىدىغان ئالتۇن كۆلىمىنى تەخمىنەن 52 توننىغا ماسلاشتۇرۇشنى پىلانلىغان. مەركىزىي بانكا ئالتۇن سېتىۋېلىپ باھانى تۆۋەنلەتكەندىن باشقا، پەن-تېخنىكا پاي چېكى، بولۇپمۇ سۈنئىي ئەقىل بۆلىكىدىكىلەر سىجىل تۆكمە قىلىپ سېتىلىپ، ئالتۇننىڭ ئىپادىسىگە تەسىر كۆرسەتكەن .
مودېل بېسىمى ئەھۋالىغا ئاساسەن ھېسابلىغاندا، كېلەر يىلى 1-ئايغا بارغاندا، ئالتۇن باھاسىنىڭ چۈشۈش نىسبىتى ھەر ئۇنسىيە ئالتۇننىڭ 200 ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ ئەڭ يېڭى مۆلچەردە مەركىزىي بانكىنىڭ ئالتۇن سېتىۋېلىش كۆلىمى 2025-يىلىدىكىدىن% 25 تۆۋەنلەپ. ئەمەلىي ئالتۇن ETF ھەر ئايدا 20 توننا ئېقىپ كېتىدىكەن، زىخچە ئالتۇنغا بولغان ئېھتىياج% 10 تۆۋەنلەيدىكەن.
