
ئالتۇن بازىرى ئۆتكەن ھەپتىدە 9 پىرسەنتكە يېقىن جىددىي چۈشكەندىن كېيىن، بىر قېتىملىق ئەسلىگە كېلىش ۋەزىيىتىنى كۈتىۋېلىپ، قايتىدىن ھەر ئۇنسىيەسى 3600 ئامېرىكا دوللىرىلىق ئۆتكەلدىن ئۆتكەن. بىراق، بىر قىممەتلىك مېتال ئانالىزچىسى مەبلەغ سالغۇچىلارغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، يۇقىرى ئۆسۈم نىسبىتى، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۈچىيىش ۋە مەبلەغ سېلىش ئېھتىياجى ئاجىزلىشىشنىڭ سىجىل بېسىمى ئاستىدا، ئالتۇن باھاسىدا كېيىن يەنىلا يەنىمۇ تۆۋەنلەش بوشلۇقى مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. فىرانسىيە تاشقى سودا بانكىسىنىڭ قىممەت مېتاللار ئانالىزچىسى بېرنارد داخدا ئۆتكەن جۈمە كۈنى (20-نويابىر) ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، ئالتۇن باھاسىنىڭ ھەر ئۇنسىيەنىڭ 3500 ئامېرىكا دوللىرىلىق تىرەك ئورنىنى سىناپ بېقىشى ئۇنىڭ مۆلچەرىدىن ئېشىپ كەتمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېگەن:بۇ بانكا 9-ئايدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، ئالتۇننىڭ تۆۋەنلەش خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.
كېيىنكى بازارغا نەزەر سالغاندا، داخدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: چىڭىتىلغان پۇل سىياسىتى بىلەن ئەمەلىي بۇيۇم ئېھتىياجىنىڭ ئاستىلىشى داۋاملىق توسالغۇ شەكىللەندۈرىدۇ، ئالتۇن باھاسى كېلەر يىلى 1-ئايغا بارغاندا ھەر ئۇنسىيەسى 3340 دوللارغا چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن. گەرچە بازار بىر قېتىملىق چوڭقۇر تەڭشەشنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ مۇنداق قارىدى:يېقىنقى بىرنەچچە ھەپتىدە ئارقا-ئارقىدىن يېڭى پايدىسىز ئامىللار كۆرۈلدى ياكى تۆكمە قىلىپ سېتىش بېسىمى داۋاملىشىشى مۇمكىن.
