دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش كومىتېتى، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:مەركەز كارخانىلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش سېلىنمىسى فوندى تەسىس قىلىشنى تەشەببۇس قىلىشىنى قوللاپ، نۇقتىلىق ھالدا بالدۇر مەبلەغ سېلىش، ئاز مەبلەغ سېلىش، ئۇزاق مۇددەتلىك مەبلەغ سېلىش،  مەبلەغ سېلىشتا پەن-تېخنىكىنى ئاساس قىلىش كېرەك.

ماكرولۇق ئىقتىساد جەھەتتە:

شاڭخەي تاموژنىسى:ئالدىنقى ئون ئايدا، چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 13 تىرىليون 210 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، كۆلەم جەھەتتە تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىغان ھەمدە، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 5.3 پىرسەنت  ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەت ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئورتاق قىممىتىنىڭ 36.7  پىرسەنتنى  ئىگىلىگەن.

ياپونىيە مېتېئورولوگىيە نازارىتى:بۇ يىل كۈز ( 9-ئايدىن 11-ئايغىچە ) دا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى «ئۆلچەملىك قىممەت»كە قارىغاندا 1.97 سېلسىيە گىرادۇس يۇقىرى بولۇپ، 1898-يىلى مۇناسىۋەتلىك مېتېئورولوگىيە خاتىرىسى قالدۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى رېكورت ھېسابلىنىدىكەن.

ئۆي مۈلۈك جەھەتتە؛

پېڭپەي خەۋەرلىرى:11-ئايدا، شېنجېندا قوبۇل قىلىنغان نىمكەش ئۆي مىقدارى 8500 يۈرۈشكە يېتىپ، 46 ئايغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى باھاغا يەتكەن.

كۈنلۈك ئىقتىساد تورى:11-ئايدا ۋۇخەننىڭ ئۆي-مۈلۈك بازىرى سودىسى داۋاملىق قايتا ئۆرلىگەن ھەمدە، 11-ئاينىڭ 24-كۈنىگىچە، شۇ ئايدىلا ۋۇخەندە جەمئىي 16 مىڭ 767 يۈرۈش يېڭى ئۆي پۈتۈپ، بۇ يىل 10 مىڭ يۈرۈشتىن ئاشقان.

ئاكسىيە پاي چېكى جەھەتتە:

شاڭخەي ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى 3363.98 نۇقتا بولۇپ،1.13  پىرسەنت ئېشىپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 709 مىليارد 510 مىليون يۈەنگە يەتتى. شېنجېن ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى 10756.55 نۇقتا بولۇپ،1.36  پىرسەنت ئېشىپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 1 تىرىليون 77 مىليارد 204 مىليون بولغان. ئىگىلىك تىكلەش پېيى كۆرسەتكۈچى 2255.50 نۇقتا بولۇپ، 1.42 پىرسەنت ئۆرلەپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 505 مىليارد 969 مىليون بولغان.

ئاكسىيە گېزىتى:كارخانىلارنىڭ چېگرا سىرتىغا پېيىنى بازارغا سېلىشى سىجىل جانلاندى.

جۇڭگو ماددىي ئەشيا بىرلەشمە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ شۆبە كومىتېتى:بۇ يىل دۆلىتىمىزنىڭ داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى سانائىتى بازىرىنىڭ كۆلىمى 1 تىرىليون 200 مىليارد يۈەندىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تەخمىنەن  2.2پىرسەنت ئېشىپ، كەسىپ كۆلىمى سىجىل مۇقىم ئاشقان

يولۇچىلار بىرلەشمىسىدىكى سۈي دۇڭشۇ مۇنداق دېگەن:10-ئايدا جۇڭگونىڭ مۇستەقىل ئاپتوموبىل كارخانىلىرىنىڭ چەت ئەلدىكى قىسمەن رايونلاردىكى سېتىلىش مىقدارىنىڭ دەسلەپكى ئىستاتىستىكىسى 246 مىڭغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن    41  پىرسەنت ئېشىپ، ھالقىسىمان سېلىشتۇرما نىسبىتى 4 پىرسەنت  يۇقىرلىغان.

ھىندىستان:ئاۋىئاتسىيە كىرسىنى، خام نېفىت، بېنزىن ۋە دىزېل مېيى ئېكسپورتىدىكى غايەت زور پايدا ۋە باجنى ئەمەلدىن قالدۇردى.

شىۋېتسىيە:11-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە، بۇ يىل جەمئىي 9197 چەكلىك شىركەت ۋەيران بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن24  پىرسەنت  ئاشقان.

تاشقىي پېرۋوت جەھەتتە:

ئامېرىكا پاي چېكى جەھەتتە:داۋجېنىس كۆرسەتكۈچى 0.29پىرسەنت تۆۋەنلىگەن، ناسداك كۆرسەتكۈچى  0.97پىرسەنت،  ئۆلچەملىك پور 500 كۆرسەتكۈچى 0.24 پىرسەنت ئۆرلىگەن.

ياۋروپا پاي چېكى جەھەتتە:ئەنگلىيە فۇشى100 كۆرسەتكۈچى 0.31 پىرسەنت،  گېرمانىيە DAX 30 كۆرسەتكۈچى  1.57پىرسەنت ،فىرانسىيە CAC 40 كۆرسەتكۈچى 0.02 پىرسەنت  ئۆرلىگەن.

 

 

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.