
مەركىزىي بانكىنىڭ باشلىقى پەن گۇڭشېڭ مۇنداق دېگەن:پاي چېكى بازىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش بىلەن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىقتىدارىنىڭ ماسلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چېگرا سىرتىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ چېگرا ئىچىدىكى كاپىتال بازىرىغا مەبلەغ سېلىش يوللىرىنى كېڭەيتىمىز.
ماكرولۇق ئىقتىساد جەھەتتە:
مەركىزىي بانكا:10-ئاينىڭ ئاخىرىدا، كەڭ مەنىدىكى پۇل ( M 2 )نىڭ قالدۇق سوممىسى 309 تىرىليون 710 مىليارد يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 7.5 پىرسەنت ئاشقان.
شياڭگاڭ پۇل مۇئامىلە باشقۇرۇش ئىدارىسى مۇنداق دېگەن:كۆپ تەرەپلىك تەشكىلاتلار بىلەن ئاسىيا كىلىمات سېلىنمىسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىمىز.
ئۆي مۈلۈك جەھەتتە:
مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن: 10-ئايدا يېڭىدىن تارقىتىلغان شەخسىي تۇرالغۇ قەرز پۇل ئۆسۈم نىسبىتى 3.15 پىرسەنت ئەتراپىدا بولۇپ، تارىختىكى تۆۋەن ئورۇندا تۇردى
تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى:يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەخسۇس تۈردىكى زايوم مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ، ساقلانما بىكار تۇرغان يەرلەرنى قايتۇرۇۋېلىپ سېتىۋېلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلدى.
گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شېنجېن شەھىرى: يېقىندا ئاممىۋى فوند قەرزىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سوممىسىنى ئۆستۈرمەكچى.
شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ چىڭداۋ شەھىرى:10-ئايدا شەھەر بويىچە ئۆي-زېمىن ئومۇمىي پۈتۈشۈش مىقدارى 12 مىڭ 265 يۈرۈش بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 15.2 ئاشتى.
ئاكسىيە پاي چېكى جەھەتتە:
شاڭخەي ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى 0.51 پىرسەنت ئاشقان، پۈتۈشۈش سوممىسى 1 تىرىليون 24 مىليارد 335 مىليون بولغان. شېنجېن ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى 2.03 پىرسەنت ئۆرلەپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 1 تىرىليون 483 مىليارد 393 مىليون بولغان. ئىگىلىك تىكلەش پېيى كۆرسەتكۈچى 3.05 پىرسەنت ئۆرلەپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 706 مىليارد 763 مىليون يۈەنگە يەتكەن.
جۇڭگو ئاكسىيە جەمئىيىتى مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن:ھازىر ئاكسىيە سودىگەرلىرىگە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ مۇلازىمەت قىلىش ۋە قوغداش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈلۈپ تەتقىق قىلىنۋاتىدۇ.
شاڭخەي ئاكسىيە گېزىتى مۇنداق دېگەن:10-ئايدىن بۇيان، چەت ئەلدە پېيى بازارغا سېلىنغان جۇڭگو پاي چېكى ETF نىڭ كۆلىمى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.
شىماۋ ئېنېرگىيەسى:شىركەت پاي تارقىتىش ۋە نەق پۇل تۆلەپ نەنتۇڭ جەندىڭ پەن-تېخنىكا كونترول قىلىش ھوقۇقىنى سېتىۋېلىشنى پىلانلاۋاتىدۇ
جۇڭگو ئاپتوموبىل جەمئىيىتى:10-ئايدا، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش-سېتىش خىزمىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1 مىليون 463 مىڭ ئاپتوموبىل ۋە 1 مىليون 430 مىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم % 48 ۋە % 49.6 ئاشقان، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ سېتىلىش مىقدارى يېڭى ئاپتوموبىل ئومۇمىي سېتىلىش مىقدارىنىڭ % 46.8 ىنى ئىگىلىگەن.
تاشقى پېرېۋوت جەھەتتە:
ئامېرىكا پاي چېكى جەھەتتە:داۋجېنىس كۆرسەتكۈچى 0.69پىرسەنت، ناسداك كۆرسەتكۈچى 0.06 پىرسەنت، ئۆلچەملىك پور 500 كۆرسەتكۈچى 0.10 پىرسەنت ئۆرلىگەن.
ياۋروپا پاي چېكى جەھەتتە: ئەنگلىيە فۇشى100 كۆرسەتكۈچى 0.65 پىرسەنت، گېرمانىيە DAX 30 كۆرسەتكۈچى1.21پىرسەنت، فىرانسىيە CAC 40 كۆرسەتكۈچى 1.20پىرسەنت ئۆرلىگەن.
