جوڭ جىيۈەن:11-ئايدا، بەيچېڭدىكى نىمكەش تۇرالغۇنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسىنىڭ ھەر كىۋادرات مېتىرى 14 مىڭ 278 يۈەن بولۇپ، ھالقىسىمان سېلىشتۇرما نىسبىتى % 0.57 تۆۋەنلەپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 7.29 تۆۋەنلىگەن. 100 شەھەردە يېڭىدىن سېلىنغان تۇرالغۇلارنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسىنىڭ ھەر كىۋادرات مېتىرى 16 مىڭ 592 يۈەن بولۇپ، بۇ ئايدا ئەلا سۈپەتلىك ياخشىلاش تۈرلىرىنىڭ بازارغا كىرىشىنىڭ تۈرتكىسىدە، يېڭى ئۆيلەرنىڭ باھا سېلىشتۇرما نىسبىتى قۇرۇلما خاراكتېرلىك % 0.36 ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 2.40 ئاشقان.

شاڭخەي ئاكسىيە سودا بازىرى:شاڭخەي شەھەردىكى شىركەتلەر «سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، جاۋابقا ئەھمىيەت بېرىش»سۆھبەت يىغىنىنى ئېچىپ، بازار قىممىتىنى باشقۇرۇش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش قاتارلىق قارالمىلارنى چۆرىدەپ چوڭقۇر مۇھاكىمە قانات يايدۇرۇلغان.

شاڭخەي شەھىرى:11-ئايدا، نىمكەش ئۆيلەرنىڭ پۈتۈشۈش ئومۇمىي سانى 27 مىڭ 100 يۈرۈش بولۇپ، 2021-يىلى 3-ئايدىن بۇيان تۇنجى قېتىم 27 مىڭ يۈرۈشتىن ئېشىپ، 44 ئايغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان.

ماكرولۇق ئىقتىساد جەھەتتە:

شاڭخەي چېگرا تەكشۈرۈش باش پونكىتى:11-ئاينىڭ 23-كۈنىگە قەدەر، شاڭخەي پورتى ئارقىلىق چېگرادىن كىرگەن چەت ئەللىكلەرنىڭ سانى 4 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىر ھەسسە ئاشقان.

 

ئۆي مۈلۈك جەھەتتە :

بېيجىڭ شەھىرى:11-ئايدا، نىمكەش ئۆيلەرنىڭ توردا ئىمزالىنىش مىقدارى 18 مىڭ 763 يۈرۈشكە يېتىپ، سېلىشتۇرما نىسبىتى تەخمىنەن  8پىرسەنت ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تەخمىنەن    50  پىرسەنت ئاشقان.

ئاكسىيە پاي چېكى جەھەتتە:

شاڭخەي ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى 0.93پىرسەنت، شېنجېن ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى 1.72 پىرسەتن؛ ئىگىلىك تىكلەش پېيى كۆرسەتكۈچى 2.50 پىرسەنت ئۆرلىگەن.

بىيادى:11-ئايدا يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ سېتىلىش مىقدارى 506 مىڭ 800 گە يېتىپ، 1-ئايدىن 11-ئايغىچە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ سېتىش مىقدارى 3 مىليون 757 مىڭ 300 بولغان، ھەمدە بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن  40.02 پىرسەنت ئاشقان.    شاڭخەي ئاكسىيە گېزىتى:ئاشكارا توپلانغان فوندنىڭ ئالدىنقى 11 ئايدىكى نەتىجىسى ئېلان قىلىنغان.

مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مالىيە خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن:كەسىپ ساھەسىنىڭ مۆلچەرىگە قارىغاندا، 2026 ـ يىلى دۆلەت ئىچى كېچىلىك ساياھەت ئومۇمىي خىراجىتى 1 تىرىليون 910 مىلياردقا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن

21.7  پىرسەنت ئاشقان

دۆلەت زاپاس ساقلاش ئىدارىسى:كۈزلۈك ئاشلىق سېتىۋېلىش يۇقىرى پەللىگە كىردى، ھازىر جەمئىي سېتىۋېلىنغان ئاشلىق 120 مىليون توننىغا يەتتى.

تاشقى پېرېۋوت جەھەتتە:

ئامېرىكا پاي چېكى جەھەتتە:

داۋجىېنىس كۆرسەتكۈچى 0.42 پىرسەنت، ئۆلچەملىك پور500 كۆرسەتكۈچى 0.56  پىرسەنت ؛ ناسداك كۆرسەتكۈچى 0.83  پىرسەنت ئۆرلىگەن.

ياۋروپا پاي چېكى جەھەتتە: گېرمانىيە DAX 30 كۆرسەتكۈچى  1.03  پىرسەنت ، فىرانسىيە CAC 40 كۆرسەتكۈچى 0.78پىرسەنت، ئەنگلىيە فۇشى 100 كۆرسەتكۈچى 0.07 پىرسەنت ئۆرلىگەن.

 

 

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.