
بازار پات ئارىدا ئېلان قىلىنىدىغان ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ 10-ئايلىق يىغىن خاتىرىسىگە يۈكسەك دىققەت قىلىپ، ئۆسۈم قوشۇش رىتىمى ۋە دائىرىسى توغرىسىدىكى تېخىمۇ كۆپ يىپ ئۇچىنى ئىزدىمەكتە. نۆۋەتتە چىكاگو سودا ئورنىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 12-ئايدا ئۆسۈم نىسبىتىنى 25 ئاساس نۇقتا ئۆستۈرۈش ئېھتىماللىقى تەخمىنەن % 96، 50 ئاساس نۇقتا ئۆستۈرۈش ئېھتىماللىقى تەخمىنەن % 4 ئىكەن. ئەمەلدارلارنىڭ پوزىتسىيەسى بۇ كۆزلىمىنى يەنىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن.
سان لۇئىس بىرلەشمە زاپاس ساقلاش رايونىنىڭ رەئىسى مۇسالەم ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسەتكەن:ئۆرلەپ كەتمىگەن پۇل پاخاللىقىنى ھەقىقىي كونترول قىلىش ئۈچۈن، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى كۆپ قېتىم ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشى ھەمدە تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، مەسىلىنىڭ يەنىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.
نيۇ يورك بىرلەشمە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋىليامسنىڭ پوزىتسىيەسى نىسبەتەن مۆتىدىلرەك بولدى، ئۇ پۇل پاخاللىقىنىڭ يەنىلا جاھىل ئىكەنلىكىنى، ئىقتىسادنىڭمۇ ئېلاستىكلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرىنىڭ مۇقىم، ساغلام بولۇشنى ساقلىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان، شۇڭا كەلگۈسىدە يەنىلا ئۆسۈم نىسبىتىنى يەنە بىر قېتىم ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىشى مۇمكىن، لېكىن ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىللە مۇنداق دەپ تەكىتلىگەن:نۆۋەتتە «كەسكىن ھەرىكەت»قوللىنىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئۆتكەن بىرنەچچە ئايدىكى سىياسەت يولىنىڭ يۈرۈشۈشى ياخشى بولدى.
