ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئامېرىكىنىڭ 10-ئايدىكى ئىشلەپچىقارغۇچىلار مال باھا كۆرسەتكۈچى (PPI) ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئالتۇن باھاسى قىسقا ۋاقىت ئۆرلىگەن. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، PPI سېلىشتۇرما نىسبىتى % 0.3 ئۆرلەپ، بازار مۆلچەرىدىكى % 0.4 تىن تۆۋەن بولغان، 9-ئايلىق سانلىق مەلۇمات % 1.4 كە ئۆستۈرۈلگەن. بۇ «مۆلچەردىكىدىن سەل ياخشى»بولغان نەتىجە بىر قىسىم سودىگەرلەرنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈشكە بولغان دو تىكىشىنى قىسقا ۋاقىت ئازايتتى، نەق مال ئالتۇنىنىڭ ئۆتكەن جۈمە كۈنىدىكى بازاردا بىر مەھەل % 1.15 ئۆرلەپ، ھەر ئۇنسىيەسى 3923.19 دوللار ئەتراپىغا يەتتى، كۈندىلىك يۇقىرى بولغاندىمۇ 3922.97 دوللارغا يەتتى. لېكىن ئۆرلەش ۋەزىيىتى داۋاملاشماي، ئەڭ ئاخىرىدا ھەر ئۇنسىيەسى 3883.67 دوللار بىلەن يېپىلدى.يېقىنقى كۈنلەردىكى ئۆرلەش نىسبىتى ئاران % 0.13 كە تارايدى. 12-ئايدا ھېسابات ئۈزۈلىدىغان ئامېرىكىنىڭ قەرەللىك ئالتۇن باھاسى ئاساسىي جەھەتتىن تەڭلىشىپ، راسچوت باھاسى 3886.30 دوللار بولدى.
مۇستەقىل تەھلىلچى TaiWing مۇنداق كۆرسەتكەن:قەرز بازىرى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىدىكى ئۆسۈم قوشۇش تەرەپدارلىرىنىڭ مەيدانىدا داۋاملىق بېسىمغا ئۇچرىغان، ئالتۇننىڭ PPI ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنكى ئەڭ دەسلەپكى ئېشىش نىسبىتىنى ساقلاپ قېلىشى تەس. يادرولۇق PPI سېلىشتۇرما نىسبىتى يەنىلا % 0.3 ئۆرلىگەن بولۇپ، تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەرگە نىسبەتەن يەنىلا بىرقەدەر يۇقىرى ھېسابلىنىدۇ ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تېخىمۇ بالدۇر ئېلان قىلىنغان ئىستېمالچىلار مال باھا كۆرسەتكۈچى (CPI) مۆلچەردىكىدىن يۇقىرى بولدى، بۇنىڭغا نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان پۇل پاخاللىقىنىڭ يەنە ئەسلىگە كېلىشىدىن ئەندىشە قوشۇلۇپ، پەيشەنبە كۈنى ئالتۇن باھاسىنىڭ تەخمىنەن % 3 چۈشۈپ، بىر يىلدىن ئارتۇق تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈشىنى بىۋاسىتە كەلتۈرۈپ چىقارغان. پۈتۈن ھەپتىدىن بۇيان، ئالتۇن باھاسى جەمئىي % 4.6 چۈشۈپ، بازار كەيپىياتى تېز سۈرئەتتە ئېھتىياتچانلىققا قاراپ ئۆزگەرگەن.

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.