ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچى دۈشەنبە كۈنى % 0.6 تۆۋەنلەپ، 101.66 بىلەن يېپىلىپ، ئالدىنقى جۈمە كۈنىدىكى كۆپ قىسىم ئۆرلەش نىسبىتىنى يوققا چىقارغان. ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئاجىزلىشىشى ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ھېسابلىنىدىغان ئالتۇننىڭ چەت ئەللىك سېتىۋالغۇچىلارغا بولغان سېتىۋېلىش تەننەرخىنى بىۋاسىتە تۆۋەنلىتىپ، ئۇنىڭ نىسپىي جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەلقئارا نېفىت باھاسىدا زور دەرىجىدە تۆۋەنلەش كۆرۈلۈپ، بىرېنت خام نېفىت زاكاز مېلى راسچوت قىلىنغاندىن كېيىن تۆۋەنلەش نىسبىتى يەتتە دوللاردىن كۆپرەككە كېڭىيىپ، ئەڭ تۆۋەن بولغاندا ھەرتۇڭى90.62 دوللارغا يېتىپ، 8-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە يەتكەن،بۇ ئۆزگىرىش بازارنىڭ پۇل پاخاللىقىنىڭ سىجىل يۇقىرىلىشىغا بولغان ئەندىشىسىنى كۆرۈنەرلىك پەسەيتكەن.
ئامېرىكا ئالتۇن سودا ئورنىنىڭ بازار ئانالىزچىسى Jim Wyckoff مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن:بۇ ھەپتىدىكى تۇنجى سودا كۈنىدە ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچى تۆۋەنلىدى، بۇنىڭغا نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشى قوشۇلۇپ، پۇل پاخاللىقىدىن ئەندىشە قىلىشنىڭ يوقىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ، ئالتۇن ۋە كۈمۈش بازىرىغا پايدىلىق، چۈنكى پۇل پاخاللىقى بېسىمىنىڭ يېنىكلىشى ھەرقايسى دۆلەت مەركىزىي بانكىلىرىنىڭ تېخىمۇ كەڭ قويىۋېتىلگەن پۇل سىياسىتى مەيدانىنى قوللىنىشىغا تۈرتكە بولۇشى مۇمكىن. 2 ـ ئاينىڭ ئاخىرىدا توقۇنۇش كەسكىنلەشكەندىن بۇيان، ئېنېرگىيە باھاسىنىڭ سىجىل يۇقىرى بولۇشى ئىزچىل پۇل پاخاللىقى كۆزلىمىسىنى ئۆرلىتىپ، مەركىزىي بانكىنى بىرقەدەر يۇقىرى ئۆسۈم نىسبىتىنى ساقلاشقا مەجبۇرلىغان مۇھىم ئامىل بولۇپ قالغان. يۇقىرى ئۆسۈم نىسبىتى مۇھىتى ئالتۇننىڭ پايدىلىق مۈلۈككە نىسبەتەن رىقابەت كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ،ھازىر نېفىت باھاسىنىڭ تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلىشى دەل بۇ لوگىكىنى باسقۇچلۇق بوشىتىش بوشلۇقى بىلەن تەمىنلىگەن

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.