جۇڭگو ماشىنا-ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى ئىمپورت-ئېكسپورت سودا ئۇيۇشمىسى:يورۇقلۇق ۋولت ساھەسىنىڭ تەلەپچان بولۇش سۆھبەت يىغىنى يەنە بىر قېتىم ئېچىلدى، يىغىندا كارخانىچىلار ساھەنىڭ تەلەپچان بولۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس مۇنداق دېگەن:يەر شارى تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشىنى 1.5 سېلسىيە گىرادۇس ئىچىدە چەكلەش ئۈچۈن، چوقۇم ھەر يىلى يەر شارىۋى كاربون قويۇپ بېرىش مىقدارىنى % 9 ئازايتىش كېرەك.

ماكرولۇق ئىقتىساد جەھەتتە:

تاموژنا باش مەھكىمىسى:ئالدىنقى ئون ئايدا، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ غەربىي قىسىم قۇرۇقلۇق-دېڭىز يېڭى يولى ئارقىلىق قىلغان ئىمپورت-ئېكسپورتى 1 تىرىليون 150 مىليارد يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 8.8 ئېشىپ، ئومۇمىي ئېشىش سۈرئىتىدىن 3.6 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان.

شېنجېن شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مۇنداق دېگەن:2027-يىللىق ھۆكۈمەت مەبلەغ سېلىش تۈرى پىلانىنى 2-قېتىملىق تەڭشەش لايىھەسىنى ئېلان قىلدى، بۇ قېتىمقى پىلاننى تەڭشەشتە، 2027-يىلى ھۆكۈمەت مەبلەغ سېلىش تۈرىنىڭ پىلان كۆلىمى 45 مىليارد يۈەندىن 50 مىليارد يۈەنگە تەڭشىلىپ، 5 مىليارد يۈەن  كۆپەيتىلىدۇ.

بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى:جۇڭگو بىلەن ھىندونېزىيە 11-ئاينىڭ 9-كۈنى لاياقەتلىك بولۇشنى باھالاش ھەمكارلىقى چۈشىنىش ئەسلەتمىسى ئىمزالىدى.

ئۆي مۈلۈك جەھەتتە:

چۇڭچىڭ شەھىرى:نۇرغۇن پايدىلىق سىياسەتلەرنىڭ تۈرتكىسىدە، ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ۋەزىيىتى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولدى

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ خېيۈەن شەھىرى:«خېيۈەن شەھىرىنىڭ ئۆي-زېمىن بازىرىدا سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر بىرقانچە تەدبىرى»نى ئېلان قىلدى.

ئاكسىيە پاي چېكى جەھەتتە:

شاڭخەي ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى  1.39 پىرسەنت تۆۋەنلەپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 1 تىرىليون 39 مىليارد 601 مىليون بولغان. شېنجېن ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى 0.65 پىرسەنت چۈشۈپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 1511 مىليارد 119 مىليون يۈەنگە يەتكەن. ئىگىلىك تىكلەش پېيى كۆرسەتكۈچى 0.07  پىرسەنت تۆۋەنلەپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 707 مىليارد 261 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

خۇسۇسىي ئورۇنلاشتۇرۇش تورى:11-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە، دۆلەت ئىچىدىكى 10 مىليارد  يۈەنلىك خۇسۇسىي پاي چېكىنىڭ ئوتتۇرىچە مال ئورنى 79.08 پىرسەنت بولۇپ، ئالدىنقى ھەپتىدىكىدىن زور دەرىجىدە ئۆسكەن.

تاشقى پېرېۋوت جەھەتتە:

ئامېرىكا پاي چېكى جەھەتتە:داۋجېنىس كۆرسەتكۈچى0.86 پىرسەنت، ناسداك كۆرسەتكۈچى 0.09 پىرسەنت، ئۆلچەملىك پور 500 كۆرسەتكۈچى 0.29 پىرسەنت تۆۋەنلىگەن

ياۋروپا پاي چېكى جەھەتتە: ئەنگلىيە فۇشى100 كۆرسەتكۈچى  1.22 پىرسەنت ، گېرمانىيە DAX 30 كۆرسەتكۈچى  2.13پىرسەنت ، فىرانسىيە CAC 40 كۆرسەتكۈچى 2.69 پىرسەنت تۆۋەنلىگەن.

 

 

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.