تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مۇنداق دېگەن:يېرىمغا يېقىن ئاشۇرما مىقدار سىياسىتى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، قالغان ئاشۇرما مىقدار سىياسەتلىرىمۇ تېز ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.

ماكرولۇق ئىقتىساد جەھەتتە:

تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مۇنداق دېگەن:2026-يىلى، دۆلىتىمىز ئادەتتىن تاشقىرى ئۇزاق مۇددەتلىك ئالاھىدە دۆلەت زايومىنى داۋاملىق تارقىتىدۇ ھەم سېلىنمىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ۋە نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ بىخەتەرلىك ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى قوللايدۇ.

تاشقى باشقۇرۇش ئىدارىسى:چېگرا ئىچىدىكى پاي چېكى بازىرىنىڭ ئۆسۈشىنىڭ تۈرتكىسىدە، 9-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇيان، تاشقى مەبلەغنىڭ چېگرا ئىچىدىكى پاي چېكىنى سېتىۋېلىشى ئومۇمىي جەھەتتىن ئېشىپ، تاشقى مەبلەغنىڭ خەلق پۇلى مۈلكىنى تەقسىملەش ئارزۇسى يەنىمۇ كۈچەيدى.

ئىستاتىستىكا ئىدارىسى:9-ئايدا، مەملىكەت بويىچە شەھەر-بازارلاردا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان 16-24 ياشلىق ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى % 17.6، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ 25-29 ياشلىق ئەمگەك كۈچلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان ئىشسىزلىق نىسبىتى % 6.7، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى ئىچىگە ئالمىغان 30-59 ياشلىق ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ چىرىكلىك نىسبىتى % 3.9 بولغان.

شېنجېن تاموژنىسى:ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شېنجېندىكى ئالدىن يۈرۈش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورتى 3 تىرىليون 370 مىليارد يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 20.9 ئاشتى، ئىمپورت-ئېكسپورت كۆلىمى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىچكى جايلاردىكى شەھەرلەر ئىچىدە 1-ئورۇندا تۇرۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكى پۈتۈن مەملىكەت تاشقى سودىسىنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش دەرىجىسى % 35.9 كە يەتتى.

ئۆي مۈلۈك جەھەتتە :

گۇاڭجوۋ شەھەرلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى:يېڭى سىياسەت يولغا قويۇلغاندىن بۇيان ( 11-ئۆكتەبىرگىچە )، شەھەر بويىچە بىرىنچى قول تۇرالغۇ سېتىۋېلىش مىقدارى 7680 يۈرۈشكە يېتىپ، 9-ئايدىكى ئومۇمىي مىقداردىن % 48.7 ئاشتى.

شېنجېن شەھەرلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى:10-ئاينىڭ 11-كۈنىگىچە، پۈتۈن شەھەر بويىچە 4-پەسىلدە بازارغا سېلىش پىلانلانغان تاۋار ئۆي تۈرى 38 بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە، تەمىنلىنىدىغان ئۆي كۆلىمى 155 مىڭ 3094.36 كىۋادرات مېتىر، 14 مىڭ 448 يۈرۈش بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، تۇرالغۇ 1166587.68 كىۋادرات مېتىر، يەنى 11 مىڭ 884 يۈرۈش ئىكەن.

ئاكسىيە پاي چېكى جەھەتتە:

شاڭخەي ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى 3285.87 نۇقتا بولۇپ،% 0.54 ئۆرلەپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 698 مىليارد 861 مىليون يۈەن، شېنجېن ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى 1055.951 نۇقتا بولۇپ، % 0.85 ئۆرلەپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 1 تىرىليون 213 مىليارد 666 مىليون يۈەن، ئىگىلىك تىكلەش پېيى كۆرسەتكۈچى2216.99 نۇقتا بولۇپ% 0.30 ئۆرلەپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 681 مىليارد 283 مىليون يۈەن بولغان.

ئېنېرگىيە ئىدارىسى:9-ئايدا، 477 مىليون يېشىل گۇۋاھنامە تەكشۈرۈپ تارقىتىلدى.

كورېيە كەسىپلەر سودا-سانائەت مىنىستىرلىقى:مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئېكسپورت سوممىسى رېكورت يارىتىلىدىغانلىرىنىڭ 135 مىليارد دوللاردىن ئاشىدىكەن.

تاشقى مەبلەغ باشقۇرۇش ئىدارىسى مۇنداق دېگەن :ھازىرغىچە، چەت ئەل مەبلىغىدىكى چېگرا ئىچى خەلق پۇلى زايومىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 640 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ، تارىختىكى يۇقىرى ئورۇندا تۇرۇۋاتىدۇ.

تاشقى پېرېۋوت ئىدارىسى:9-ئايدا بانكا راسچوت قىلغان پېرېۋوت سوممىسى 1682 مىليارد 900 مىليون يۈەن، سېتىلغان پېرېۋوت سوممىسى 1 تىرىليون 341 مىليارد 700 مىليون يۈەن بولغان.

شاڭخەي خەلقئارا ئېنېرگىيە سودا مەركىزى:10-ئاينىڭ 22-كۈنى، خام نېفىت قەرەللىك مېلىنىڭ ئاساسىي توختامى 2412 بولۇپ، ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 532.8 يۈەن بىلەن بازار يېپىلىپ، 5.4 يۈەن ئۆرلەپ، ئېشىش نىسبىتى % 1.02 بولغان.

تاشقى پېرېۋوت جەھەتتە:

ئامېرىكا پاي چېكى جەھەتتە: داۋجېنىس كۆرسەتكۈچى% 0.02 چۈشۈپ، 42924.89 نۇقتا؛ ناسىداك كۆرسەتكۈچى% 0.18 ئۆرلەپ، 18573.13 نۇقتا، ئۆلچەملىك پور 500كۆرسەتكۈچى% 0.05 چۈشۈپ، 5851.20 نۇقتا بولغان.

ياۋروپا پاي چېكى جەھەتتە:ئەنگلىيە فۇشى 100كۆرسەتكۈچى % 0.14 چۈشۈپ، 8306.54 نۇقتا؛ گېرمانىيە DAX 30 كۆرسەتكۈچى % 0.20 تۆۋەنلەپ، 19421.91 نۇقتا؛ فىرانسىيە CAC 40 كۆرسەتكۈچى% 0.01 چۈشۈپ، 7535.10 نۇقتا بولغان.

 

 

 

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.