
ئاكسىيە نازارەتچىلىكى كومىتېتى مۇنداق دېگەن:بازار، ئاپپارات، مەھسۇلاتنى ھەر تەرەپلىمە تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
شاڭخەي شەھىرى:ئادەتتىكى تۇرالغۇ ۋە غەيرىي ئادەتتىكى تۇرالغۇ ئۆلچىمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، شەخسلەر تۇرالغۇ ئۆيىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە، ئۆينىڭ ئەسلىي قىممەت ئىسپاتىنى تولۇق، توغرا تەمىنلەپ بەرمىسە ياكى ئۆينىڭ تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج سوممىسىنى توغرا ھېسابلىيالمىسا ، بەلگىلىمىگە ئاساسەن كىرىمىنىڭ 1 پىرسەنتى بويىچە شەخسلەر تاپاۋەت بېجى ئېلىندۇ.
ماكرولۇق ئىقتىساد جەھەتتە:
مالىيە مىنىستىرلىقى مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن:1 ـ ئايدىن 11 ـ ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمى 1 تىرىليون 498 مىليارد 100 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدى% 1.3 پىرسەنت تۆۋەنلىگەن.
ئىستاتىستىكا ئىدارىسى:11-ئايدا، مەملىكەت بويىچە شەھەر-بازارلاردا مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان 16-24 ياشتىكى ئەمگەك كۈچىنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى% 17.1 بولغان.
ئۆي مۈلۈك جەھەتتە:
بېيجىڭ شەھىرى:1-ئايدىن 11-ئايغىچە، شەھەر بويىچە يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش كۆلىمى 8 مىليون 473 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 1.8 تۆۋەنلىگەن.
ئاكسىيە پاي چېكى جەھەتتە :
چارشەنبە كۈنى، شاڭخەي ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى 3323.85 نۇقتا بولۇپ، 0.21 پىرسەنت تۆۋەنلەپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 755 مىليارد 810 مىليون يۈەنگە يەتكەن. شېنجېن ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى 10544.02 نۇقتا بولۇپ، 1.91 پىرسەنت تۆۋەنلەپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 1001 مىليارد 885 مىليون بولغان. ئىگىلىك تىكلەش بۆلىكى 2190.95 نۇقتا بولۇپ، 2.35 پىرسەنت چۈشۈپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 466 مىليارد 115 مىليون يۈەن بولغان.
شياۋمى گۇرۇھى:3-پەسىلدە، تىجارەت كىرىمى 92 مىليارد 510 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 30.5 پىرسەتن ئاشقان.
ۋۇخەن فەنگۇ:شىركەت نىشانلانغان شىركەتنىڭ مەبلىغىنى كۆپەيتىش، پېيىنى كېڭەيتىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ، سېلىنما سوممىسى 100 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
مالىيە مىنىستىرلىقى مۇنداق دېگەن:دۆلەت زايومىنى بازار جەھەتتىن قوللاش مەشغۇلاتىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى.
شاڭخەي ئاكسىيە گېزىتى:11-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن بۇيانقى ئۆرلىگەن بازار ئەھۋالىدا، بىر قىسىم فوندلار تېز سۈرئەتتە ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، مول نەتىجىگە ئېرىشتى.
مەركىزىي بانكىنىڭ شېنجېن شەھەرلىك شۆبە بانكىسى:11-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شېنجېننىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپى قەرز پۇل قالدۇق سوممىسى 100 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، 117 مىليارد 470 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 25.5 ئاشقان.
مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرى:بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، دۆلىتىمىزدە يىللىق كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن تېز يوللانما 100 دىن ئېشىپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن سېكۇنتىغا 5400 دىن ئارتۇق تېز يوللانما يەتكۈزۈلدى، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا كۈندىلىك كەسىپ مىقدارى 729 مىليون پارچىدىن ئاشتى
تايلاند:3-پەسىللىك GDP سېلىشتۇرما نىسبىتى1.2 پىرسەنت ئېشىپ، مۆلچەر قىممەت 0.8 پىرسەنت بولغان.
ئامېرىكا پاي چېكى بازىرى:داۋجېنىس كۆرسەتكۈچى 0.13 پىرسەنت تۆۋەنلىگەن. ناسداك كۆرسەتكۈچى 0.60 پىرسەنت ئۆرلىگەن، ئۆلچەملىك پور 500 كۆرسەتكۈچى 0.39 پىرسەنت ئۆرلىگەن.
ياۋروپا پاي چېكى جەھەتتە:ئەنگلىيە فۇشى100 كۆرسەتكۈچى 0.57 پىرسەنت ئۆرلىگەن، گېرمانىيە DAX 30 كۆرسەتكۈچى 0.11پىرسەنت تۆۋەنلىگەن، فىرانسىيە CAC 40كۆرسەتكۈچى 0.12 پىرسەنت تۆۋەنلىگەن.
