
كېيىنكى بازارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، قىسقا مۇددەتلىك ئالتۇن باھاسى ھازىرقى تۆۋەن ئورۇندىكى قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، تېخىمۇ كۆپ جۇغراپىيەلىك شاۋقۇنغا ئېھتىياجلىق بولماستىن، بەلكى ئېنىق بولغان ئاساسىي تەرەپتىن بۇرۇلۇش سىگنالىغا ئېھتىياجلىق:ياكى پۇل پاخاللىقى سانلىق مەلۇماتىدا ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش قەدىمىنى ئاستىلىتىشىغا يېتەرلىك بولغان ماھىيەتلىك سوۋۇتۇشنىڭ كۆرۈلۈشى ئەمەلىي ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ يۇقىرى پەللىدىن تۆۋەنلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ؛ ياكى ئامېرىكا دوللىرىدا كۈچلۈك ھالدا يۈزلىنىش خاراكتېرلىك بوشىشىش كۆرۈلۈپ، باھا ھېسابلىنىدىغان پۇلنىڭ ئالتۇن باھاسىغا بولغان بېسىمىنى يېنىكلىتىدۇ. بۇ سىگناللار كۆرۈلۈشتىن بۇرۇن، «كۆپ چۈشۈپ كەتسە قايتا ئۆرلەش»ئاساسىدىكى ھەرقانداق تۆۋەن چەكنى كۆچۈرۈش ھاياجىنىنىڭ ھەممىسىدە ماكرولۇق لوگىكىنىڭ تىرىكى كەمچىل.لېكىن، ئوخشاشلا ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدىغىنى شۇكى، ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۈستىگە قويۇلغان% 5 لىك ئەمەلىي ئۆسۈم نىسبىتى ئۆلچىمى ئۇزاق مۇددەتلىك ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈمى ئەمەس، بەلكى قىسقا مۇددەتلىك كىشەن ھېسابلىنىدۇ.
تخنىكا جەھەتتىن قارىغاندا، قىسقا مۇددەت ئىچىدە 3600 ئەتراپىدىكى ئورۇننى ساقلاپ قالغىلى بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك، 2022-يىلى تەگكەن 1615 دوللاردىن يىل بېشىدىكى يۇقىرى نۇقتا 5596 دوللارغىچە بولغان ئۆرلەش ۋەزىيىتىنىڭ % 50 لىك چېكىنىش ئورنى دەل 3607 دوللار ئەتراپىدا بولۇپ، مەبلەغ سالغۇچىلار نۇقتىلىق دىققەت قىلىشى كېرەك ئىكەن. ئەگەر بۇ ئورۇندىن ئۈنۈملۈك چۈشۈپ كەتسە، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا 3500 ئۆتكەل ئەتراپىدىكى ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن، بۇ، 2025-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى يۇقىرى نۇقتا ۋە پۈتۈن سان ئۆتكىلىنىڭ قوش تىرىكى ھېسابلىنىدۇ.
