پەيشەنبە كۈنى يەنى (11-ئاينىڭ 12-كۈنى)، يەر شارىۋى ئالتۇن بازىرى ئاز كۆرۈلىدىغان شىددەتلىك سېتىشنى كۈتۈۋالغان بولۇپ. نەق مال ئالتۇنىنىڭ بىر كۈنلۈك باھاسى % 3 كە يېقىن چۈشۈپ، بىر مەھەل ھەر ئۇنسىيەسى 3852.33 دوللارغا يېتىپ، 2025-يىلى 10-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەنى يارىتىپ، ھەر ئۇنسىيەسى 3877.33 دوللار بىلەن بازارنى ئاخىرلاشتۇرغان. ئامېرىكىنىڭ 12-ئايلىق ئالتۇن زاكاز مال باھاسى ماس قەدەمدە % 2.9 چۈشۈپ، 3885.30 دوللاردا بازار يېپىلغان. بۇ ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۇدا ئۈچىنچى سودا كۈنى تۆۋەنلىشى بولۇپ، بازار كەيپىياتى قىسقىغىنا بىر نەچچە كۈن ئىچىدە ئېھتىياتچانلىقتىن كۆرۈنەرلىك ئۈمىدسىزلىككە ئۆزگەرگەن .
كۆرۈنۈشتە، ئالتۇننىڭ تەڭشىلىشى پەقەت دوللارنىڭ كۈچىيىشى ۋە ئۆسۈم نىسبىتى مۆلچەرىنىڭ ئۆرلىشىنىڭ تەبىئىي ئىنكاسىدەك كۆرۈنگەن. لېكىن شۇ كۈندىكى كۆپ بازارنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇشىنى چوڭقۇر رەتلىگەندە، ھەقىقىي پىلتىنىڭ جۇغراپيىلىك ۋەزىيەتنىڭ تۇيۇقسىز بۇرۇلۇشىدىن كەلگەنلىكىنى بايقىغىلى بولىدۇ. ترامپ ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا «ئامېرىكىنىڭ كېلىشىم ھاسىل قىلىشى ھاجەتسىز»دەپ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، بازارنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى جىددى ۋەزىيەتنى پەسەيتىشكە بولغان ئۈمىدۋار مۆلچەرىنى بىۋاسىتە ئۆچۈرگەن. بۇ سۆز قارىماققا ئاددىي كۆرۈنسىمۇ، لېكىن تېز سۈرئەتتە خام نېفىت، ئامېرىكا قەرزى، دوللار ۋە ئالتۇن ئوتتۇرىسىدا زەنجىرسىمان زەربە شەكىللەندۈرۈپ،ئالتۇننىڭ خەۋپتىن ساقلىنىش بىلەن ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ ئارىلىقىدا روشەن ئاجىزلىقى ئاشكارىلانغان.
جۈمە كۈنى (11-ئاينىڭ 13-كۈنى) ئاسىيا ئەتىگەنلىك دەسلەپكى سودىسىدا، نەق مال ئالتۇن تۆۋەن نۇقتىدا ئايلىنىپ، نۆۋەتتە ھەر ئۇنسىيەسى 3880 دوللار ئەتراپىدا سودا قىلىنغان

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.