چىگىتلىك پاختىنىڭ سېتىۋېلىش باھاسى مۇقىم بولدى

11-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى خەۋەرگە قارىغاندا، 11-ئايدا، ئەنخۇينىڭ دەريا بويىدىكى ئاساسلىق پاختا ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىدا ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، بەزىدە يامغۇر يېغىپ، ھاۋارايىنىڭ سىجىل ئۆزگىرىشى چىگىتلىك پاختىنى يىغىش سۈرئىتىگە تەسىر كۆرسەتكەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، چىگىتلىك پاختىنىڭ سۇ تەركىبى نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، سېتىۋېلىش، پىششىقلاش ھالقىسىغا بىرقەدەر زور بېسىم ئېلىپ كەلگەن. شۇ جايدىكى تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىلىرى ھاۋا ئوچۇق بولغان كۈنلەرنى چىڭ تۇتۇپ، ئادەم كۈچىنى تەشكىللەپ چىگىتلىك پاختىنى جىددىي يىغىپ، چىگىتلىك پاختىنىڭ ئۇزاق ۋاقىت يامغۇردا قېلىپ سۈپىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدىن ساقلانغان، قىسمەن ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانلىرى، تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ كۈندىلىك پاختا يىغىشتا ئىشچى ئىشلىتىش چوققا قىممىتى 200 ئادەمگە يەتكەن. ھازىر، شۇ جايدىكى چىگىت ئايرىش زاۋۇتلىرىنىڭ چىگىتلىك پاختىنى سېتىۋېلىش باھاسى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، ئاساسىي ئېقىمدىكى سېتىۋېلىش باھاسى ھەر جىڭى 3.65 يۈەندىن 3.75 يۈەنگىچە بولغان. ھەرقايسى چىگىت ئايرىش زاۋۇتلىرى سۇ تەركىبى كۆرسەتكۈچىنى قاتتىق كونترول قىلىپ، سۇ تەركىبى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن چىگىتلىك پاختا بىۋاسىتە رەت قىلغان ياكى ئاپتاپقا سېلىپ ئۆلچەمگە يەتكەندىن كېيىن ئاندىن سېتىشنى تەلەپ قىلغان. ھاۋا تۇتۇق، يامغۇرلۇق ھاۋارايى، زاۋۇتقا كىرىپ سۈپەت تەكشۈرۈش ئۆلچىمىنىڭ قاتتىق بولۇشىنىڭ ئورتاق تەسىرىدە، چىگىتلىك پاختىنى سېتىۋېلىش سۈرئىتى سەل ئاستىلىغان، چىگىت ئايرىش زاۋۇتلىرىنىڭ سېتىۋېلىش مىقدارىدا پەرق كۆرۈنەرلىك بولۇپ، سېتىۋېلىش مىقدارى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان كارخانىلار 1 مىليون 400 مىڭ جىڭغا يەتكەن، سېتىۋېلىش مىقدارى سەل ئاز بولغانلىرى ئاران 200 مىڭ جىڭ بولۇپ، ئومۇمىي سېتىۋېلىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە يەتمىگەن.

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.