
چىلان باھاسىدا بېسىم يەنىلا مەۋجۇت
11-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى خەۋەرگە قارىغاندا، چىلاننىڭ ئاساسلىق توختامى دەسلەپكى سودىدا تۈز سىزىق بويىچە چۈشۈپ، شۇ كۈنى ئىچىدە % 4 كە يېقىن تۆۋەنلىگەن. نەنخۇا قەرەللىك مېلى تەتقىقات دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسىتىلگەن:پولات-تۆمۈر بىرلەشمە شىركىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 11-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە، 36 ئەۋرىشكە نۇقتىسىدىكى فىزىكىلىق ئامباردا 9118 توننا ساقلانغان بولۇپ، ھەپتىلىك سېلىشتۇرما نىسبىتى 40 توننا ئازايغان، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 4.43 ئازايغان. ھازىر سېتىش رايونلىرىدا تەمىنلەش ۋە نەق مال باھاسى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، تۆۋەن ئېقىندىكىلەر ئېھتىياجغا ئاساسەن سېتىۋالغان، پۈتۈشۈشتە بولسا سۈپەتكە قاراپ باھا قويۇلىدىكەن، ھاۋا سوۋۇغاندىن كېيىن قۇۋۋەت تولۇقلايدىغان ئىستېمال مارگىنال ئەسلىگە كەلگەن. لېكىن مالنىڭ سېتىلىشى يەنىلا ئاستا بولۇپ، ئىسكىلاتقا يۆتكەش بېسىمى تېخى تۈگىمىگەن. يېڭى پەسىلدە كۈل رەڭ چىلاننى دەرەختىن چۈشۈرۈپ يىغىۋېلىش كېچىككەن بولۇپ، نۆۋەتتە دەرەختىن چۈشۈش مىقدارى تېخى ئاز ،شىنجاڭغا كېلىدىغان سودىگەرلەر كۆپەيگەچكە، سېتىۋېلىشتا بىرقەدەر ئېھتىياتچان بولغان، ئارال رايونىدا پارچە ـ پۇرات پۈتۈشۈشتە ھەر كىلوگىرامىنىڭ باھاسى 2.50 يۈەندىن 2.90 يۈەنگىچە بولغان. ئۇنىۋېرسال جەھەتتىن قارىغاندا، دۆلەت ئىچىدىكى ئومۇمىي تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ئازادە بولغان ئەھۋالدا، چىلان باھاسى بېسىمى يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ، يېڭى چىلاننى دەرەختىن چۈشۈرۈش سۈرئىتى ۋە سېتىۋېلىش باھاسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلىندىكەن.
