ئالتۇن زاپاس مۈلۈكنىڭ بىر چوڭ ئەۋزەللىكى بولۇش سۈپىتى بىلەن، باشقا دۆلەتلەر يولغا قويغان پۇل مۇئامىلە جەھەتتە جازالاش؛ چەكلەش ۋە مۈلۈكنى توڭلىتىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدۇ، بۇ نۇقتا چەت ئەل پۇلى زاپىسى بىلەن روشەن پەرقلىنىدۇ، لېكىن ئالدىنقى شەرت شۇكى، ئالتۇننى چەكلەش يولغا قويغان دۆلەت چېگراسى ئىچىدە ساقلاشقا بولمايدۇ. بۇ خىل ئەندىشىنى چىقىش قىلغان مەركىزىي بانكا ئادەتتە ئالتۇننى ئۆز دۆلىتىنىڭ خەزىنىسىگە توشۇپ كېلىشنى تاللايدۇ، رۇسىيە بىلەن تۈركىيە دەل تىپىك مىسالدۇر. رۇسىيە 2010-يىللىرىدا ئالتۇننى سىجىل كۆپەيتىپ، دوللارنىڭ ئامبار ئورنىنى تۆۋەنلىتىپ، ئالتۇننىڭ ھەممىسىنى ئۆز زېمىنىدا ساقلىغان؛ تۈركىيە 2018-يىلى ئامېرىكا، ئەنگلىيەدە ساقلانغان ئالتۇننى دۆلەت ئىچىگە توشۇپ كەلگەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، زاپاس ئىچىدىكى ئامېرىكا دوللىرىنىڭ سالمىقى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىلگەن، ئەينى چاغدا تۈركىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ جۇغراپىيەلىك مۇناسىۋىتى سىجىل جىددى ھالەتتە تۇرغان
ئەلۋەتتە، ۋاكالىتەن باشقۇرۇش ئورنىنى تاللاشتىمۇ باشقا ئامىللارغا تەڭ ئېتىبار بېرىلىدۇ، مەسىلەن، خەلقئارا ئالتۇن سودا بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقىنىڭ يىراق-يېقىنلىقى، سودىنىڭ قولايلىقلىقى قاتارلىقلار، جازالاش؛ چەكلەش خەۋپ-خەتىرى پەقەت بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر تۈرلۈك ئويلىنىش ئامىلى ھېسابلىنىدۇ خالاس.

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.